شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
30-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئېچىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

6-ئاينىڭ 19-كۈنى، بېيجىڭ كۆرگەزمە رايونىدا خەيتۈن نەشرىياتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى رۇسىيەلىك مېھمان بىلەن كىتاب نەشر ھوقۇقى توغرىسىدا كېڭەشمەكتە.

      6-ئاينىڭ 19-كۈنى، 30-نۆۋەتلىك بېيجىڭ خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئېچىلدى. كۆرگەزمىدە «مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەلگۈسىدە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 71 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1600 سودىگەرنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 220 مىڭ خىل كىتابى كىتاب كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شىن، لو شياۋگۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى

كۆرگەزمىدە تەسىس قىلىنغان جۇڭگو يازغۇچىلار سارىيى (6-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

6-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان چەت ئەل سودىگەرلىرى بىلەن كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەت ئىچىدىكى سودىگەرلەر كۆرگەزمىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 19-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر دۆلەت ئىچىدىكى نەشرىيات سودىگەرلىرى كۆرگەزمىگە قويغان كىتابلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت