− ھەرقايسى جايلار ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئەڭ ياخشى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئىنتىزام ۋە قانۇننىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى، ساۋاقنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
تۈرلۈك ئوقۇتۇش بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىش
قەلبتىكى ئۆلچەم ئېنىق بولغاندىلا، ئاندىن ھەرىكەتنى توغرىلىغىلى بولىدۇ. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار تىپىك دېلو مىساللىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى ۋە قايىل قىلىش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە ئاگاھ سىگنالىنى دائىم ياڭرىتىش، ئىنتىزامدىن ئىبارەت كىرىچنى دائىم چىڭىتىش، ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى دائىم ساقلاشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.
بىرقانچە كۈندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بارلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىبرەت تەربىيەسى بايلىقىنى قېزىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلار ئىبرەت خاتىرىسى، خاتالىقىنى تونۇش خاتىرىسى، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېقىن ئەتراپتا، قولاي ۋاقىتتا پارتىيە ئەزالىرى تەربىيەسى بازىسى، پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ تەربىيەنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەپ، ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچىنى كۈچەيتتى.
يېقىندا، جەنجياڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن لېيجوۋ ياشلار قانىلى قىزىل تەربىيە بازىسىغا بېرىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى ھەم مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىدى. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جەنجياڭ يېڭىلىق يارىتىپ لېيجوۋ ياشلار قانىلى تەربىيە بايلىقىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، 200 نەچچە تۈركۈم قېتىمدا 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىرنى نەق مەيداندا تەربىيەنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئىدىيە جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىپ، روھىي جەھەتتە تاۋلاپ، پۈتۈن شەھەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىنتىزامنى ئۆگىنىدىغان، ئىنتىزامنى بىلىدىغان، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.
پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، شىزاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئەڭ ياخشى جانلىق دەرسلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىبرەت تەربىيەسى بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. شىزاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىنتىزامنى ئۆگەنمەسلىك، ئىنتىزامنى بىلمەسلىك، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرماسلىق سەۋەبلىك زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان دېلو مىساللىرىنى تاللاپ، دېلو مىسالى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىشنى ياخشى تۇتتى.
ئىبرەت تەربىيەسى ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش
ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەش ئۈچۈن، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش تىپىك دېلو مىساللىرىنى تاللاپ، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىنى يېڭىلاپ ۋە ئۆزگەرتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىبرەت تەربىيەسىنى قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇشىنى ۋاسىتە بىلەن تەمىنلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يەنە نۇرغۇن يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىدى. مەسىلەن، «ھەر ھەپتىدە بىر تەمسىل» «پاكلىقنى سۆزلەش» قاتارلىقلارنى ئىشلەپ، «دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى چۈشەندۈرۈش» كارتون سىن فىلىمى ئىشلەپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈردى، دائىملىق ھالەت شەكىللەندۈردى؛ دىققەتنى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتى «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى ئاشكارىلاش» نى ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ «قولدىن بېرىپ قويۇش» ناملىق ئىبرەت قىسقا سىن فىلىمىنى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەيمىنىشنى بىلىش، سەگەك بولۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشقا ئاگاھلاندۇردى.
يېقىندا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى تۈرمە ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆرۈش، جازا ئۆتەۋاتقانلارغا ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ قانۇننى سۆزلىتىش ئارقىلىق، دېلو ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇردى. چاڭدۇ شەھىرىنىڭ لولۇڭ ناھىيەسى ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتتى. ھازىرغىچە، بۇ ناھىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىي 70 نەچچە مەيدان قېتىم ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەش
5 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى راۋياڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە، 11 تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئورگان بىناسىغا كىرىپ، نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ خىزمەت مۇھىتى ۋە ئىنتىزام تەلىپىنى ئىگىلىدى. خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ ئائىلە تەۋەلىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ دېلو باشقۇرۇش زالى، پارتىيە قۇرۇلۇشى زالى، كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ ئۈن ـ سىن ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم تەپتىش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئىنتىزام، بەلگىلىمىلەرنى ئۆگەندى، ئائىلە ئىستىلى تەربىيەسى توغرىسىدىكى ئىبرەت مەخسۇس فىلىمىنى كۆردى.
«ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئائىلىدە ياخشى <پاكلىق ياردەمچىسى> بولۇپ، سەككىز سائەتنىڭ سىرتىدا، تەپتىش كادىر ـ ساقچىلىرىغا قارىتا پاك بولۇشنى كۆپرەك ئەسكەرتىپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى راۋياڭ ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىش جاڭ جيەن.
يېقىندا، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن، يېڭىدىن ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن، يېڭىدىن مۇھىم ئىش ئورنىغا يۆتكەلگەن، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خادىملارغا قارىتا ئىنتىزام ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى كوممۇنىستلارغا خاس كۆتۈرەڭگۈ روھنى، غەيرەتنى ۋە ئۇلۇغۋار توغرا كەيپىياتنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاشقا يېتەكلىدى.
«ياش كادىرلار ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياشتا تۇرۇۋاتىدۇ، چوقۇم ئىنتىزامنى ئۆلچەم قىلىپ، ئىنتىزام تەلىپىنى قەلبىگە پۈكۈش، كاللىسىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.» ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆرۈپ ھەم ئىبرەت تەربىيەسى دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى «80 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» كادىر ليۇ يۈ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پاك ـ تەلەپچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمى بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، <كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش> رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش مۇنداق بىلدۈردى: تىپىك دېلو مىساللىرى، ئىبرەت تەربىيەسىنى «سەگىتىش دورىسى» قىلىپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرگە تەربىيەلەش ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ تەسىر كۈچى، سىڭىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ۋە ئىجرا قىلىپ، قائىدە ـ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق.
(مۇخبىرلار لى شيۇڭيىڭ، لى جىڭيا، چېن شاڭسەي، فېڭ ۋېيجيەن)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)