شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئالكمىن بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-12 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئالكمىن بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئالكمىن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ياخشى دوست، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ھەمراھ. بۇلتۇر 4 - ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئېچىشقا يېتەكلەش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، خەلقئارادىكى سورۇنلاردا قويۇق ھەمكارلاشتى، بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپلا قالماي، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى كۈچلۈك قوغدالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە مۇھىم يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتى بار، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ كاتېگورىيەسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە دوستلۇقىغا يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىشتىن ئىبارەت باش ئىجادكارلىق روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، تېخىمۇ ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە نەزەر دائىرە بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە يۇقىرى قاتلام ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى بىرازىلىيەنىڭ «قايتا سانائەتلەشتۈرۈش»، «جەنۇبىي ئامېرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش لۇشيەنى» قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر، يەرلىكلەر، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، ياشلار قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، بىرازىلىيەنىڭ بۇ يىلقى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، بىرازىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئالكمىن زۇڭتۇڭ لۇلانىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ھەم مۇنداق بىلدۈردى: تۈنۈگۈن مەن مۇئاۋىن رەئىس خەن جېڭ بىلەن بىرلىكتە بىرازىلىيە - جۇڭگو يۇقىرى قاتلام ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 7 - قېتىملىق يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەچچە يۈز مىليون جۇڭگو خەلقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇنى دۇنيا مۆجىزىسى دېيىشكە بولىدۇ، ئالاقىدار تەجرىبىلەر بىرازىلىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ئۆرنەكلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە. بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو بىردەك كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوغداشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەردە ئىدىيەسى ئوخشاش، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى پارلاق. بىرازىلىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ تىنچ، ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دۇنيانى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت