ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
مۇخبىرنىڭ 6- ئاينىڭ 7- كۈنى تاموژنا باش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 17 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، تاشقى سودىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەن.
تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ مال سودىسى ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 17 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 9 تىرىليون 950 مىليارد يۈەن بولۇپ، %6.1 ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 7 تىرىليون 550 مىليارد يۈەن بولۇپ، %6.4 ئاشقان.
5- ئايدا، ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 3 تىرىليون 710 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سوممىسى 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن بولۇپ، %11.2 ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 1 تىرىليون 560 مىليارد يۈەن بولۇپ، %5.2 ئاشقان.
تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 9 تىرىليون 950 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %6.1 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، پاراخوت، توكلۇق ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا %100.1، %26.3، %17.8 ئاشقان.
دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت سوممىسى 7 تىرىليون 550 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %6.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئارىلىقتىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت سوممىسى 6 تىرىليون 70 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %7.4 ئاشقان. ۋىيېتنام، گېرمانىيە، فىرانسىيە، چىلى قاتارلىق دۆلەتلەردىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.7، %20.5، %8.6، %13.7 ئاشقان.
(باش ئىستانسا مۇخبىرى كۇڭ لىڭۋېن)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى