شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
2024 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى باشلاندى
يوللانغان ۋاقىت :2024-06-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ يۈخاۋ، جوۋ يۈەن) بۇ يىل 6 ـ ئاي 23 ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى». 5 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» پائالىيىتى باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ھەممە كىشى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەممە كىشى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىش − ھاياتلىق يولىنى راۋانلاشتۇرۇش» بولۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا كۆپ خىل شەكىلدە بىخەتەرلىك تەشۋىقاتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىلىدىكەن.

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرىدىكى تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە بىخەتەر چىقىش ئېغىزىنى ئىگىلىۋېلىش، توسۇپ قويۇش، پېچەتلەش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەيدۇ. بىخەتەرلىك تەشۋىقاتىنى «بەشكە كىرگۈزۈش»كە تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەرلىك مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بىخەتەرلىك ساپاسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ھازىرقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى ۋە يېقىلغۇ گاز، توكلۇق ۋېلىسىپىتنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.

مەنبە:
مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت