شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، 4 ـ پەسىلدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-10-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ھەم ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، 4 ـ پەسىلدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ھەم ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، 4 ـ پەسىلدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى «ئەينەك» «ئۆلچەم» قىلىپ، ھەر ۋاقىت، ھەر ئىشتا، ھەر جايدا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئېغىپ كېتىشنى تۈزىتىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلسا، ھۆكۈمەت ھەرىكەتكە كېلىش»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. سىستېما قارىشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇشقا كۈچەپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كونا ئۇسۇل بىلەن يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان تەپەككۇردىكى قاتمال ھالەتنى قەتئىي ئۆزگەرتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى كۈچەپ تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىش قىلىشقا، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىقتىدار ـ ساپانى كۈچەپ يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش كېرەك. تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، بازار ئىجازىتىدىكى توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، قەرزنى پاكىز قايتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش ئاساسىدا ياخشىلاندى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشاللاندۇردى، سانائەت ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلاندى، «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ماس ھالدا كۈچەپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە كاپالىتى كۈچلۈك بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتى سىجىل ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. ئېشىشنىڭ «ئاساسىي ھالىتى»نى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق خىزمەتنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قار ـ مۇز ساياھىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «مۇھىم ئىش»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، نۇقتىلىق رايون، ساھە، تۈرلەرنىڭ تىرەكلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرىدىغان، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى چوڭقۇر پىلانلاپ، 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭى ھاياتىي كۈچنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدىغان تۈرلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، 2024 ـ يىللىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىش تۈرلىرىنى بالدۇرراق پىلانلاش كېرەك. خەۋپ ـ خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ھەقىقىي تۈردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، توختى ياقۇپ، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرەم، ليۇ خۇيجۈن، ياڭ شيۇلى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي يىغىنى تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا قاتناشتى. 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت