يىن لى، ما شىڭرۇي، يىن يۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى يىن يۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار بىڭتۇەن 14 - شى 47 - تۇەنىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بېيجىڭ - شىنجاڭنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى يىن يۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى خوتەن ۋىلايىتى، بىڭتۇەن 14 - شى كۇنيۈ شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى 14 - شى 47 - تۇەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تۇەن - مەيداندىكى چىلانزارلىققا بېرىپ خاس باغ - ئورمانچىلىقنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ جىڭخې توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈردى، خوتەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، خوتەن شەھىرى بېيجىڭ خەيديەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى داۋشياڭ كەنتىگە كېلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈردى، بېيجىڭ بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىغا بېرىپ، شىنجاڭغا پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئىگىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا خوتەن، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.
10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرى·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىن لى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېيجىڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بېيجىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى باشلامچىلىق بىلەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەيدۇ. شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، «مېنىڭ بېيجىڭدا ئائىلەم بار» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بازىسىنى ياخشى قۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ جاينىڭ سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، ئەركىن سودا رايونى، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولى ۋە يۈك تىرانسپورت يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپىنى يولغا قويۇش ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، «ئالدىنقى سەپتە تۇتقا بولۇش، ئارقا سەپتە تىرەك بولۇش، ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەمتۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئېلىپ كەلدى، پايتەختنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئېلىپ كەلدى، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن قىزغىن قارشى ئالىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇزاقتىن بۇيان، بېيجىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئەڭ ياخشى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 14 - شىغا يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى، ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن مىننەتدار، بۇنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، بېيجىڭ شەھىرى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەر قۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، «بەش چوڭ تەدبىر» ھەمتۈرتكە بولۇپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى جاينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا قول تۇتۇشۇپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ ئىختىساسلىقلار، پەن - تېخنىكا، كاپىتال ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ بايلىق، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارى كۈچلۈك، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ياخشى بولغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە كۈچەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم ئامىل مۇلازىمىتى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، بېيجىڭ - شىنجاڭ ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئەھۋالى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، يىن يۇڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
بېيجىڭ شەھىرى رەھبەرلىرىدىن سۈن مېيجۈن، جاۋ لېي، ليۇ يۈخۇي پائالىيەتكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، شۆ بىن، لى جېنگو، جاڭ ۋېنشېڭ، دۇ خۇڭيەن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.