شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز پاكىستان زۇڭلىسى كاكار بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-10-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پاكىستان زۇڭلىسى كاكار 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە مەخسۇس شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلدى. 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە كاكار بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جانجىگەر دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ پائال تۆھپىسىنى قوشۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كاكار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئېچىلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىنى ئاچتى. جۇڭگو - پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون ۋە جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، پاكىستان بىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشىمىزدىكى مۇھىم دۆلەت. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پاكىستان بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىڭلار بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مول مەدەنىيەت - ساياھەت ۋە كۆرگەزمە - ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، سەھىيە ۋە مائارىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوست شەھەر ۋە يەرلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

كاكار مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش پاكىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى، جۇڭگونى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاش پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئورتاق تونۇشى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن، كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق، شىنجاڭ جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا بىر قاتار تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، مۇھىم رول ئوينىماقتا، پاكىستان جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق پىلانى ئورنىتىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بوشلۇقىنى داۋاملىق قېزىپ، پورتلارنىڭ مال ئوبوروتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، سودا، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كاكار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى، پاكىستان جۇڭگونىڭ قوللانغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئالقىشلايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ ياخشى سىياسەت ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلغانلىقىنى پائال تەشۋىق قىلىشنى خالايدۇ. تېررورىزم ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، پاكىستان جۇڭگو بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ، ئەسەبىيلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، زوراۋانلىق، تېررورىزمغا ئورتاق زەربە بېرىدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن زىياپەت ئۆتكۈزۈلدى. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا، ئىككى تەرەپ تاغ - دەريالار ئارا دوستلۇقنى ئىزھار قىلىشىپ، دوستانە ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرى ۋە زىيارەتكە كېلىپ ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن پاكىستاننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت مەزگىلىدە، كاكار شىنجاڭ داشۆنى زىيارەت قىلدى ھەم نۇتۇق سۆزلىدى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كەچۈردى.

پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە، ئىچكى ئىشلار، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش قاتارلىق تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پائالىيەتكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جياڭ زەيدۇڭ ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت