شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلار بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلغان ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا ۋەكىللەر بەرگەن 19 پارچە تەۋسىيەنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولۇنغان ھەم ۋەكىللەرگە جاۋاب قايتۇرۇلغان.
ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى مەزگىلىدە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 407 پارچە ۋەكىللەر تەۋسىيەسىنى بەردى، ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 19 پارچە ۋەكىللەر تەۋسىيەسىنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىدىن ھەل قىلىنىپ بولغىنى ياكى بۇ يىل ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرى ئون پارچە، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىدىن خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، تەدرىجىي ھەل قىلىنىدىغانلىرى توققۇز پارچە، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلەرنىڭ بېجىرىلىش نەتىجىسىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %100 بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلار ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلگەن ئاممىۋى خىزمەت ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى دەپ بىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېجىرىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار سىياسەت ۋە بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە بېرىشى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن ھوقۇق بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، 2022 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ۋە قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ خەلقتىن ئەقىل سوراپ، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سورىشىغا ئۈلگە ۋە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە بېجىرىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىدا، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلار ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت قائىدىسى»نى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى. بۇ يىل تۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار ساھەلەردىكى ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.