ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سۆرەتلىك خەۋەر

جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇش نىشانى، يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 04 - ئاينىڭ 21- كۈنى 04:24   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   

 شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 

    جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇش نىشانى، يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

 

 

 

 

    4-ئاينىڭ 19-كۈنى، چىڭخۇا داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تەجرىبىخانىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

 

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

 

 

   

  4-ئاينىڭ 19-كۈنى، چىڭخۇا داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

 

 

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

 

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى چىڭخۇا داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، چىڭخۇا داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مەكتەپداشلارنى بايراملىق تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

 

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالىي مائارىپقا بولغان ئېھتىياجى، ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ جىددىي بولماقتا. بىز قۇرماقچى بولغان دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپى دەل ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى قەلبكە پۈكۈپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. كەڭ ياشلار تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئېسىل ئەخلاقنى تونۇپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىپ، زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ، ياشلىق باھارى گۈللىرىنى ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى كېرەك.

 

    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، چىڭخۇا داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شۈ، مەكتەپ مۇدىرى چيۇ يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدى بىلەن گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىگە كېلىپ، گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئالاھىدە كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمە سارىيىدىكى كۆرگەزمە تاختىلىرىدا سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئىدى. شى جىنپىڭ مۇھىم، زور باش تېما ۋە دۆلەت ئوبراز لايىھەسى ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى، كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۈزەل سەنئەت، سەنئەت، ئىلىم-پەن، تېخنىكا بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. گۈزەل سەنئەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ گۈزەل سەنئەت ئېلېمېنتلىرى، سەنئەت ئېلېمېنتلىرىنى شەھەر، يېزا يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىدا قوللىنىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئېستېتىك جەلپكارلىقى، مەدەنىيەت دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، گۈزەل سەنئەت نەتىجىلىرىنى خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، گۈزەللىكنى ۋاسىتە قىلىپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

 

    چىڭخۇا داشۆسىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تەجرىبىخانىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىقى كومپيۇتېر سىن ئىلمى، مېڭە ئىلمى بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ خەلقئارا ئالدىنقى قاتاردىكى گىرەلەشمە ئىلمى قاتارلىق ئاساس نەزەرىيە ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كۆرگەزمە تاختىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا بىرلەشتۈرۈپ تەجرىبىخانىنىڭ كومپيۇتېر يورۇقلۇق ئىلمى، مېڭە ئىلمى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار گىرەلەشمە ئىلمى تەجرىبە تەتقىقاتى ۋە يېڭى پەن-تېخنىكىنى ئېچىش-قوللىنىش كۆرۈنۈشىنى ئىنچىكىلەپ كۆردى، تەجرىبىخانىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتى، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو مائارىپى ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. بىزدە بۇ ئىشەنچ بولۇشى، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو مائارىپىنى پۇختا، ياخشى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. مۇھىم، زور دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ھەمىشە چوڭقۇر ئاساس تەتقىقاتتىن بىخ سۈرۈپ چىقىدۇ، پەن گىرەلەشمە ساھەسىدە بارلىققا كېلىدۇ، داشۆ بۇ ئىككى جەھەتتە تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاساس تەتقىقاتقا بولغان سىجىل سېلىنمىنى ساقلاپ، ئەركىن ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، ھازىر بار بولغان نەزەرىيەلەرگە قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى يۆنىلىش ئېچىش كېرەك.

 

    چىڭخۇا داشۆسى ئاساسىي بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىدە مەكتەپنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى نۇقتىلىق ئوقۇتۇش پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. شى جىنپىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئىلىم-پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش، فىلولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئوقۇتۇش تەتقىقاتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، چىڭخۇا داشۆسى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن تەسىس قىلىشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىش ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات-تەرەققىيات ئەمەلىيىتى داۋامىدا يېڭى كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى نەزەرىيەلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، جۇڭگوچە خاسلىققا، جۇڭگوچە سالاپەتكە ئىگە پەن سىستېمىسى، ئىلىم سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

 

    ئاساسىي بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا، شى جىنپىڭ قىسمەن پېشقەدەم پىروفېسسورلار، ئوتتۇرا ياش، ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىش ئورنىدا ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرۈپ، جان پىدالىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى، پېشقەدەم پىروفېسسورلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى، ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق تۈردە ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭخۇا داشۆسى توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى ئارقىلىق بارلىق شەيئىنى قوينىغا ئېلىشتىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلەتتى، تۈرلۈك ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىدى، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن زىچ باغلاندى، چىڭخۇالىقلارنىڭ باتۇرلۇقى، قەتئىيلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، چىڭخۇا داشۆسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئەڭ ئالىي ئىنتىلىش قىلىپ، پەن قۇرۇلۇشىنى تەرەققىيات ئاساسى قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك كاپالەت قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 

    مەكتەپ قورۇسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان غەربىي تەنتەربىيە سارىيى چىڭخۇا داشۆسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۆت چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى. سارايدىكى ۋاسكېتبول مەيدانىدا مەكتەپ ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىلىرى مەشىق قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ تەنتەربىيە سارىيىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەم تەنتەربىيە شەرەپ ئۆيىدە تارىخىي سۈرەتلەرنى، ماددىي بۇيۇم كۆرگەزمىسىنى ئىنچىكىلەپ كۆرۈپ، تەنتەربىيە سارىيىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەكتەپنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، تەنتەربىيە مائارىپىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىش چىڭخۇا داشۆسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ساۋاقداشلارنىڭ چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئېسىل مەكتەپ ئىستىلى ۋە تەنتەربىيە ئەنئەنىسىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ۋەتەن قۇرۇلۇشىنىڭ ياراملىق ئىختىساسلىقلىرىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

    سائەت 11دىن 20 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆسىنىڭ غەربىي تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئارقا سارىيىغا كېلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. چىڭخۇا داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شۈ، مەكتەپ مۇدىرى چيۇ يۇڭ، بىناكارلىق-قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نيې جيەنگو، ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مېي سىچى، قۇرۇلۇش فىزىكىسى فاكۇلتېتىنىڭ مۇشۇ قاراردا دوكتورلۇقنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىسى سۈن چىمىڭ، فىلولوگىيە شۆيۈەنىنىڭ 2-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى لى رۇنفېڭ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، نەق مەيدان كەيپىياتى ئازادە، قىزغىن بولدى.

 

    ئاخىرىدا، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چىڭخۇا داشۆسى دۆلەت ۋە مىللەت خەتەرلىك، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان پەيتتە دۇنياغا كەلگەن، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، دۆلەت ۋە مىللەت گۈللەنگەن ۋاقىتتا تەرەققىي قىلغان. 110 يىلدىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆسى جۇڭگو زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى يېتىلدۈردى، ھەم قىزىللاشقان، ھەم كەسپىيلەشكەن، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش خاسلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن زور ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان زور تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى. بۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد چىڭخۇالىقلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

 

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىڭخۇا داشۆسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى دۆلىتىمىز ئالىي مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ بىر جانلىق كارتىنىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى، يېتىشتۈرۈش سۈپىتى، مۇلازىمەت ئىقتىدارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ مېڭىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى.

 

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر دۆلەتنىڭ ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەر توپىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىغا ئېھتىياجلىق، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەر توپىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر تومۇرىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

 

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا ئىنتىلىش چېكى يوق، ئۈزلۈكسىز ھالقىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلار چاسا سېپىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇشتىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. دۆلەت ئويلىغاننى ئويلاپ، دۆلەت ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالىي مائارىپ سىستېمىسى بىر ئورگانىك گەۋدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرقايسى بۆلەكلەر ئىچكى جەھەتتىن بىر-بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مۇناسىۋىتىگە ئىگە. پەنلەرنىڭ گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشىدىكى «كاتالىزاتور»نى ياخشى ئىشلىتىپ، ئاساس پەنلەرنىڭ يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەنلەرنىڭ كەسىپ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھازىر بار بولغان پەنلەر كەسىپ سىستېمىسىنى تەڭشەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پەن-تېخنىكا ئالدىنقى سېپى ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى كۆزلەپ، يېڭى سانائەت پېنى، يېڭى تېببىي پەن، يېڭى يېزا ئىگىلىك پېنى، يېڭى ئىجتىمائىي پەن قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جىددىي، كەمچىل بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەر ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي قوشۇنى ۋە مۇھىم، زور پەن-تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ باشلانغان مۇھىم جايى بولۇپ، ساغلام ئىلىم ئېكولوگىيەسىنى ئاساس قىلغان، ئۈنۈملۈك ئىلىم ئىدارە قىلىشنى كاپالەت قىلغان، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىم نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان داشۆلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «گالنى بوغىدىغان» ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىدا باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-چەت ئەل مائارىپ مەدەنىيەت دوستلۇق ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇرۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ يۈرىدىغان، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىر ئەۋلاد، ئۇلار گۈللەنگەن دەۋرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. كەڭ ياشلار ۋەتەننى سۆيۈپ، خەلقنى سۆيۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىن ئېتىقادىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلھام ئېلىپ، كۈچ ئېلىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان، سەمىمىي تۆھپە قوشىدىغان قەتئىي غايە تۇرغۇزۇشى كېرەك. ئەخلاق-پەزىلىتىنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلاب مەدەنىيىتى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ روھىنى تاۋلاپ، ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەق-ناھەق، توغرا-خاتانى ئېنىق ئايرىپ، ئۆز ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۈكسەك، تېخىمۇ مەنزىللىك، تېخىمۇ سەۋىيەلىك كىشىلىك ھاياتقا ئىنتىلىشكە ئىرادە باغلىشى كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋرنىڭ ئېقىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق دۆلەتكە تۆھپە قوشۇپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئارقىلىق جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھارماي-تالماي، زور ئىشتىياق بىلەن، بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش جەريانىدا قالتىس بولۇشنى قوغلىشىپ، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالغاندا ھەرىكىتى سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرۇشى، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.

 

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ خىزمىتىدىكى تايانچ كۈچ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولمىسا، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشمۇ ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. داشۆ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بىلىم بېرىش، ئىقتىدار يېتىشتۈرۈش، توغرا كىشىلىك قاراش تۇرغۇزۇشتەك ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. ئوقۇتقۇچىلار بۈيۈك ئۇستازلاردىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشتىكى ئۈلگىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئەتراپلىق يېتىلگەن كىشىلەردىن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەقىقىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىلىم ئالدىنقى سېپى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ، يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەزەرىيەنى ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

 

    شى جىنپىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، تەنتەربىيە مەيدانى، يول ياقىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سوراپ، بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز»، «مەكتەپداش ئۇستاز ياخشىمۇ سىز» دېدى، يۇقىرى ئاۋازدا «ياشىسۇن ۋەتەن»، «چىڭخۇا غەيرەت قىل» دېدى، شى جىنپىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، چاۋاك، ئەھۋال سوراش سادالىرى مەكتەپ قورۇسىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

 

    دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۇنلەن، چېن شى، سەي چى ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى