ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبەردى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 04 - ئاينىڭ 12- كۈنى 08:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   

 چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى، ئادەم قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى

 

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 18دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى چۇرگۇل بازىرىدىكى فېڭيۈەن كۆمۈر كېنىنىڭ كان قۇدۇقىدا تېخنىكا ئۆزگەرتىش جەريانىدا، تۇيۇقسىز سۇ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، قۇدۇق ئاستىدا توك توختاپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈزبەرگەندە قۇدۇق ئاستىدا 29 ئادەم ئىسمېنىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، سەككىز ئادەم قۇدۇقتىن بىخەتەر چىقىرىۋېلىنغان، 21 ئادەم قاپسىلىپ قالغان.

 

    ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، ئادەم قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى ھەم بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن ئايانماي، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش كېرەك؛ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككىلەمچى ۋەقە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈر كان، كۆمۈر كانلاردىن باشقا كانلارغا قارىتا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر - بىرلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

 

    نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، كان بىخەتەرلىكىنى رېۋىزىيە قىلىش، گېئولوگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە كەسپىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى، ئۈسكۈنىلەرنى تەشكىللەپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى