ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى بۈگۈن باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 04 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

  تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكى تۇنجى بېكەت قىلىندى

 

    ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل خەۋەر قىلىدۇ: «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى چوڭ تىپتىكى باش تېما خەۋەرلىرى تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىدە باشلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى ۋاسىتە قىلىپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ شانلىق كۈرەش مۇساپىسى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنىدۇ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ جانلىق نامايان قىلىنىدۇ.

 

    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تارىختىكى مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان، قۇرۇلۇش سۈپىتى مۇقىم ئۆسكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 5500 كىلومېتىردىن ئاشتى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى. بارغانسېرى زىچ توقۇلۇۋاتقان، بارغانسېرى ئىنچىكە توقۇلۇۋاتقان شىنجاڭ قاتناش تورى خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ياخشىلايدىغان، پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىغان «چوڭ يول»غا ئايلاندى.

 

    تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى تۇرپاندا بولۇپ، كورلا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ ئاخىرقى نۇقتا خوتەنگە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1931 كىلومېتىر. بۇ قېتىمقى چوڭ تىپتىكى باش تېما خەۋەرلىرىنىڭ بىرىنچى بېكىتىگە تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكى تاللانغان بولۇپ، خەۋەر قىلىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بولىدۇ.

 

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش ئۆمىكىنى بىرىنچى سەپكە بېرىشقا ئەۋەتىپ، يۇغۇرما خەۋەر قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تارقىتىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، قىسقا سىن، VLOG ،H5ئۇزۇن رەسىمى، قولدا سىزىلغان كارتون قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تارقىتىش، كۆپ سۇپىدا كۆرگەزمە قىلىش، كۆپ تېرمىنال ئارقىلىق يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 

    تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012) قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىدە، خەۋەر قىلىش ئۆمىكى دىققەتنى لىنىيە بويىدىكى ئاتۇش شەھىرى ئېكولوگىيەلىك ئورمان بىنا قىلىش بازىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، پوسكام ناھىيەسى ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى، قاغىلىق ناھىيەسى ئاقتاش بازىرىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، خوتەن كەچلىك بازىرى، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سەپەر داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەيدۇ، نامايان قىلىدۇ.

 

    بۇ يىل يەنە «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، قاراماي-تارباغاتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق باش تېمىلىق خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، قىزىل ئىزنالار، تەرەققىيات يارقىن نۇقتىلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر تۇتاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق دەۋر ئامىللىرى سىڭدۈرۈلۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ جانلىق نامايان قىلىنىدۇ.

 

 

مەنبە: 

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى