ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

«مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» پۈتۈنلەي پىتنە-ئىغۋا توقۇغانلىق

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 04 - ئاينىڭ 08- كۈنى 04:31   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

شىنجاڭ ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى مىرزات روزى

 

    مەن بۇ يىل 23 ياش، شىنجاڭ ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. مەن ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق، شىنجاڭ پاختىسىنى توسقان ئاشۇ چەت ئەل كارخانىلىرىغا شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، جۇڭگو شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

 

    شىركەتكە كىرىشتىن بۇرۇن، مەن ئاساسلىقى پارچە-پۇرات ئىش قىلىپ پۇل تاپاتتىم. 2017-يىلى 3-ئايدا، يۇرتدىشىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، مەن سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشتىم، ئويلىمىغان يەردىن يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم. ئۈچ ئايلىق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىدە مەن ھەربىر مەشغۇلات تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ ئەستايىدىل ئۆگەندىم، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن يىپ يۆگەش سېخىغا ئاسراش ئىشچىلىقىغا تەقسىم قىلىندىم، جاڭ جىڭبو ماڭا مېھرىبان ئۇستاز بولدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن مۇناسىۋەتلىك ماھارەتلەرنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىۋالدىم.

 

    شىركەتتە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلدىم، ماڭا نىسبەتەن شىركەت ئىللىق ئائىلە. بۇ يەردە زامانىۋى خىزمەت مۇھىتى، ئىللىق، ئازادە تۇرمۇش شارائىتى، قىزغىن، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىشداشلار، يەنە ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆيۈنىدىغان بەنجاڭ ۋە رەھبەرلەر بار. شىركەت ماڭا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى تەقسىم قىلىپ بەردى، يەنە تۇرمۇش ياردەم پۇلى، بايراملىق پاراۋانلىق بەردى، يەنە قەرەلسىز ھالدا ماھارەت مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى ھەم مۇنەۋۋەر خىزمەتچىلەرنى مۇكاپاتلىدى. ھازىر ئايدا 3800 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. شىركەتتە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن، چۈنكى مەن بىر دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندىم، مۇقىم خىزمىتىم ۋە كىرىمىم بار بولدى. تىرىشىش ئارقىلىق، بۇلتۇر پۈتۈن ئائىلىمىز بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، بۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ ئۆزۈمگە تايىنىدىغان، ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان، ئۆزۈمنى كۈچەيتىدىغان بولدۇم. مەن يەنە كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، مەن ھازىر مۇھەببەتلەشتىم، قىز دوستۇممۇ زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى، بىز بىللە ئىشلەپ، بىللە تاماقلىنىپ، بىللە بازار ئايلىنىپ كىنو كۆرىمىز، ھەربىر كۈنىمىزنى ناھايىتى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.

 

    مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىدىم، شىركەت بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزگە ئارىلاشمىدى، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر يالغان-ياۋىداق سۆز توقۇپ، شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، بوھتان چاپلاپ، بىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز! مەن زاۋۇتتا ئىزچىل ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەكچان ئىككى قولۇمغا تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمەن!

 

مەنبە:

 

 

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى