ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

شىنجاڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولدى يالغان - ياۋىداق سۆز ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 31- كۈنى 05:16   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   

 ئاپتونوم رايون بېيجىڭدا 6 - مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

 

    شىنجاڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولدى يالغان - ياۋىداق سۆز ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ

 

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا 6 - مەيدان شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

 

    ئالدىنقى ھەپتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، كانادا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگوغا جازا قوللىنىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا خەلقىگە شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئالاقىدار پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

 

    ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ، ئېلىجان ئانايەت ۋە داشۆ پىروفېسسورلىرى، ئامما ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلار، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى، شىنجاڭنىڭ پاختا مەسىلىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى.

 

    شۈ گۈيشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ماڭغىنى جاھاندىكى توغرا يول بولدى، قىلغان ھەممە ئىشتا ئوچۇق - ئاشكارا بولدى، سەمىمىي بولدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتىدە غايەت زور تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2 ئاشتى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىندى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى. شىنجاڭدا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 30 ياشتىن بۈگۈنكى كۈندىكى 72 ياشقا يەتتى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى 40 يىل ئىلگىرىكى 5 مىليون 550 نەچچە مىڭدىن كۆپىيىپ 12 مىليوندىن كۆپرەككە يەتتى، ھەر مىللەت خەلق قانۇن بويىچە جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىدا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن بولدى. بۇ ئىدىيە، تەدبىر، مۇۋەپپەقىيەتلەر چوڭقۇر بولغان «ئەخلاق» ۋە «ھەققانىيلىق»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىگە ئۇيغۇن. ھالبۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادادىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ئىرقىي يوقىتىش» «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش» دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ، كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەنلىك.

 

    «بىز شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىنى ئەسلا قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى دەپ كۆپ قېتىم شەرھلىدۇق.» ئېلىجان ئانايەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي خاس خادىمىغا بىرلەشمە ئىمزالىق ئالاقە ئەۋەتىپ، كۆپلىگەن كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ئورتاق سۆز قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا، 80 نەچچە دۆلەت ئورتاق ياكى ئايرىم سۆز قىلىش شەكلى بىلەن جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىغا مەدەت بەردى ۋە قوللىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادادىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئەسلا قانداقتۇر «كىشىلىك ھوقۇق» ئەمەس، قانداقتۇر ھەقىقىي ئەھۋال ئەمەس، بەلكى «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، سىياسىي نەيرەڭۋازلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، سۈنئىي ھالدا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» مەسىلىسىنى پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت.

 

    پاكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ تېررورىزم ۋە زىيادە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن يەنىلا جۇڭگو شىنجاڭنى تەنقىدلەيدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىلگىرى شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈزۈلمەي يۈزبەرگەن ھالەت ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى «ئەڭ گۈزەل مەنزىرە» ئىدى. ھازىر، شىنجاڭدا مۇقىملىق، گۈللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىنچ - ئىناق بولدى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئۆزىنىڭ باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان مۇددىئاسىغا يېتەلمەي، ئىنتايىن تىت - تىت بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئامال قىلىپ شىنجاڭنى ئەيىبلەپ، كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى. بۇ خىل قاراڭغۇ پىسخىكىسىنى بىز ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، شىنجاڭ قىلغان بارلىق ئىشلارنىڭ ھېچقانداق ئەيىبلىگۈدەك يېرى يوق، ئەمەلىيەتنىڭ ئىسپاتلىشىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىز ئۇلارنىڭ بۇ قىلتىقىغا دەسسىمەيمىز. بىز قەتئىي ئىشەنچ بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بويىچە، سەمىمىي بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز. بۇ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ بوھتان چاپلاپ، پىتنە - ئىغۋا توقۇغانلىقىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب.

 

    رېيتېر ئاگېنتلىقى، پاكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقى، پېڭ بو ئاگېنتلىقى قاتارلىق چەت ئەل تاراتقۇلىرى ھەمدە خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جۇڭگو گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يەر شارى ۋاقىت گېزىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن نۇرغۇن تاراتقۇلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى