ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ياخشى كۈنلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:49   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

  

  قەشقەر ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئابدۇشۈكۈر ھېيت

 

    ئۇزاقتىن بۇيان، پومپېئو، جېڭ گوئېن شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ھە دەپ قارا چاپلىدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش بولۇپ، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پومپېئو، جېڭ گوئېننىڭ يالغانچىلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىدىغان بۇنداق رەزىل قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

 

    مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولدۇم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، مۇتلەق نامراتلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگەتتى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىندى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى، ھەرقايسى مىللەتلەر بېرىش - كېلىش قىلىپ، سىڭىشىپ بىللە ئۆتۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

 

    بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭنى ئېلىپ ئېيتساق، كىشىلەرنىڭ مېڭىۋاتقىنى كەڭ، راۋان ئاسفالت يول، تۇرۇۋاتقىنى ئازادە ئەمىن ئۆي، ئىچىۋاتقىنى سۈزۈك تۇرۇبا سۈيى... ئىلگىرىكى ۋاقىتلارنى ئەسلىسەك، يوللاردا توپا - چاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، تۇرىدىغىنىمىز كېسەك ئۆي، ئىچىدىغىنىمىز كۆل سۈيى، ئولتۇرىدىغىنىمىز ئات ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسى ئىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تارىختىكى ھەرقانداق بىر مەزگىلدىكى پۇقرالار بىزگە ئوخشاش بۈگۈنكىدەك بۇنداق بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققان ئەمەس.

 

    ياخشى كۈنلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

 

    پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆز ئاقىللار ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ. پومپېئونىڭ رەزىل سۇيىقەستى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى