ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى ۋە غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:26   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

  

  بورتالا تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۆھرەت ئۆمەرجان

 

    يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، مەن بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

 

    مەن كىچىكىمدە ئىدارىنىڭ قورۇسىدا چوڭ بولغان، بۇ قورۇدىكى ئاھالىلەر كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقانىدى. مەن قورۇدىكى ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىلەن دائىم بىر ئۈستەلدە تاماق يەيتتىم، بىللە ئويۇن ئوينايتتىم، بۇلار مېنىڭ بالىلىق دەۋرىمدىكى قىممەتلىك ئەسلىمىلىرىم بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇقنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ماڭا ئوخشاش ئاددىي ئائىلىنىڭ بالىلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولدۇق، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىدارىگە كىرىپ خىزمەت قىلدىم ھەم رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىلدىم.

 

    مەن تاشيول سىستېمىسىدا خىزمەت قىلىمەن، تاشيول تەرەققىياتىغا بولغان تەسىراتىم ئەڭ چوڭقۇر. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 -، 80 - يىللىرىدا يول يۈرۈش قولايسىز بولۇپ، يېزا - كەنتلەردە ئاساسەن توپا يول ئىدى، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئۈستبېشىمىز لايغا مىلەنسە، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشىمىز توپا - چاڭ بولۇپ كېتەتتى، بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە تاشيول تورى تولۇق قاپلاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول خۇددى لەيلەپ تۇرغان رەڭلىك لېنتىدەك تەرەپ - تەرەپكە سوزۇلۇپ، شەھەر ۋە يېزا - كەنتلەرنى تۇتاشتۇردى... كۆپ خىللاشقان ئوچۇق شەكىلدىكى قاتناش «چوڭ ئەندىزىسى» كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان شىنجاڭنى ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان «تېز سۈرئەتلىك يول»غا باشلىدى.

 

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. پومپېئو ھەق - ناھەقنى قانداق ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشتىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ!

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى