ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %164.6 ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 17- كۈنى 11:25   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 -، 2 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 43 مىليارد 820 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90.5 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا زىيان تارتىشتىن پايدا ئېلىشقا يۈزلىنىپ، %164.6 ئېشىپ، تۈۋرۈكلۈك يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ھالىتىنى نامايان قىلغان.

 

    شىمالىي شىنجاڭدا باش باھاردا، ھاۋا بەزىدە ئىللىق، بەزىدە سوغۇق ئىدى. 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا كىرگەندە، مۇخبىر خام ئەشيا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ يۈك چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى، مەھسۇلات توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ بىر كىلومېتىر يىراقلىققىچە تىزىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە جانلانغان خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆردى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، بۇ شىركەت 71 مىڭ 300 توننا مېتانول ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.08 ئاشقان؛ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز 24 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.06 ئاشقان؛ پىرېسلانغان تەبىئىي گاز 4 مىليون 22 مىڭ 300Nm³ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %154.64 ئاشقان.

 

    بۇ يىل 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، شىنجاڭ شىنيې ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى شىركىتىلا ئەمەس، يەنە شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىمۇ كارخانىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك»ىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 3 مىليارد 80 مىليون يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83.1 ئاشۇردى.

 

    «تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق مالىيە كۆرسەتكۈچلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلانغان.» ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم بۇرچنى پۇختا ئىگىلەپ، تىرىشىپ بازارنى كېڭەيتتى، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇردى، ئۈنۈمنى ئۆستۈردى، 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە تۈرلۈك مالىيە كۆرسەتكۈچلىرى كۈچلۈك ئېشىپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى.

 

    ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانىغا ئاساسەن، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىپ كىرىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىنى ئورتاق قۇرۇشتا يەنىمۇ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلىدۇ؛ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش، خەۋپ - خەتەر تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش جەھەتتە يېڭى كۈچىيىشكە ئېرىشىدۇ.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى