ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 16- كۈنى 02:39   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   

 

 سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى زەينەپ

 

    پومپېئو ئېقىمىدىكىلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى. مەن بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

 

    پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە، مەن ئارزۇيۇم بويىچە مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىشنى ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ، قەدەممۇقەدەم رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. كۆپ يىللىق خىزمەت كەچۈرمىشىمدىن مەن چىن دىلىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

 

    مەن مەدەنىيەت سىستېمىسىدا كۆپ يىل خىزمەت قىلىپ، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىدە يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا چىرايلىق، ئەمەلىي قوللىنىشچان مەدەنىيەت سارىيى، كۇتۇپخانا، مۇزېي، تەنتەربىيە مەيدانى، تىياتىرخانا سالدى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەم پۈتۈن جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى. تەنتەربىيە مەيدان - ساراي(مەيدان)لىرى يۇقىرى سەۋىيەلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان، تەنتەربىيە تۈرى مەشىقى ئېلىپ بارىدىغان ئاساسىي بازىغا ئايلاندى. سانجى ئوبلاستى دۆلەت تەرىپىدىن «3 - تۈركۈمدىكى دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

 

    قارا بۇلۇت ھامان قۇياشنى توسۇيالمايدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆز مۇقەررەركى ھەقىقەتنى يېڭەلمەيدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پومپېئو مەيلى قانداق يالغانچىلىق قىلسۇن، قانداق ئالدامچىلىق قىلسۇن، ھەق - ناھەقنى قانداق ئاستىن - ئۈستۈن قىلسۇن، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزەلمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مەزمۇت قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ!

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى