ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

دۇنيا ئەھلى پومپېئونىڭ رەزىل غەرىزىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 15- كۈنى 08:22   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   

 باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىبراھىم كىچىك

 

    شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلدى ۋە قەستەن قارا چاپلىدى، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، تارىخنى بۇرمىلاپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، قاملاشمىغان رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، لېكىن دۇنيا ئەھلى ئۇنىڭ رەزىل غەرىزىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.

 

    پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلىشىدە، مەن يېزا بالىسىدىن رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان قومۇلدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردۇق، نامرات ئاممىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىندى.

 

    باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ باچاڭزى يېزىسى چەت، يىراق چارۋىچىلىق يېزىسى، ھازىر باچاڭزى يېزىسىنىڭ سۇ، توك، يول، ئالاقە تورى، رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، ھەممە ئائىلە ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يەنە ھۆكۈمەت سېلىپ بەرگەن تېرىقچىلىق پارنىكى، باقمىچىلىق قوتىنى بار، نۇرغۇن ئائىلىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلى بار، دېھقان - چارۋىچىلار ئاشلىق تېرىسا ياردەم تولۇقلىمىسى بار، باقمىچىلىق قىلسا ياردەم تولۇقلىمىسى بار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بار، ئۆي سالسا ياردەم تولۇقلىمىسى بار، كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار بولدى؛ يېزىلاردا بەخت چوڭ ھويلىسى، كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلىك بېقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا - بازارلارنىڭ ھەممىسىدە مەدەنىيەت پونكىتى، مەدەنىيەت ئۆيى، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش قاراتمىلىق ھالدا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدىغان يېزا ئايال ئەمگەك كۈچلىرى كەشتىچىلىك، كىيىم - كېچەك تىكىش، يالغان چاچ ياساش قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى كارخانا، باغچە رايونى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى.

 

    ھازىر، شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دىنلار ئىناق، رايىش، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلاشتى، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. نېمىنىڭ ھەق - ناھەق، نېمىنىڭ يوللۇق - يولسىزلىق ئىكەنلىكى كىشىلەر كۆڭلىگە ئايان، ھەققانىيەت كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، مەن پومپېئونى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئوت ئوينىما، ئوت ئوينىغانلار چوقۇم ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ!

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى