ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

يالغان - ياۋىداق سۆز ھامان يوشۇرۇنغۇدەك جاي تاپالمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 15- كۈنى 08:20   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

 

   تۇرپان شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى ئەنۋەر ئابلىز

 

    پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ھە دەپ قارا چاپلىدى، ئۇنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش. بۇنىڭغا مەن كۈچلۈك غەزەپلىنىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

 

    مەن شىنجاڭدا تۇغۇلدىم، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، شىنجاڭدا كۈرەش قىلىۋاتىمەن. مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر ئىزچىل پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە چۆمۈلۈپ كەلدۇق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنى جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى، شۇڭا مەن دائىم بالامغا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ۋەتەن ۋە خەلققە بېغىشلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.

 

    يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان مەن ئىزچىل پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، لۈكچۈن بازىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم: نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۆۋەن كاپالىتى بار، ئېغىر كېسەللەرنى كۆرسىتىدىغان يېشىل يول بار، ئەمىن ئۆي سالسا ياردەم پۇلى بار، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسا ئوقۇش ياردەم پۇلى بار، قاتارلىقلار. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ سىياسەتلەر ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلدى.

 

    پۈتۈن شىنجاڭغا نەزەر سالساق، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئېغىر كېسەل داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بولدى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، خەلقنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

 

    يالغان - ياۋىداق سۆز ھامان يالغان - ياۋىداق سۆز. پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا، يالغان - ياۋىداق سۆز ھامان يوشۇرۇنغۇدەك جاي تاپالماي، ھالاك بولىدۇ. كۈنى ئاخىرلاشقان چۈپرەندە پومپېئو مۇقەررەر تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ئۇچرايدۇ.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى