ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 11- كۈنى 03:32   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ھۆججەت لايىھەلىرى قاراپ چىقىلدى

 

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 52 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 

    يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرىنى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

 

    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

 

مەنبە: 

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى