ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 10- كۈنى 11:37   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

        

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

 

    يۆنىلىش يولنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرىنى تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى، رىغبەتلەندۈردى. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى دىققەتنى بۇ قىزىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە توختىلىپ، تەكلىپ ئۈستىدە سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

 

    شىنجاڭنى غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال

 

    «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر بىرقاتار تۈپ خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئۇ شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپلىك ئىچىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ-خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال» دېدى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جياڭ پىڭئەن.

 

    ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

 

    يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، «تاتلىق سۇ» ئىچەلەيدىغان بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتى تېخىمۇ تولۇق بولدى، جەمئىيەت سىجىل ئىناق، مۇقىم بولدى، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى... يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ مىسلىسىز تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ۋەكىللەر، ئەزالار ھەقىقىي ھېس قىلدى.

 

    «بۇ بىرنەچچە يىل قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز، شەھەر-يېزا قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ چوڭ، ئامما ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ ئەڭ كۆپ بولغان بىر مەزگىل بولدى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دىلشات قىدىرقان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق يۇقىرىقىلارنى ئىسپاتلىدى: قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى 56 مىڭ 300 ئائىلىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 250 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 14 مىڭغا يېقىن نامرات ئامما ئۈنۈمسىز تاغ ئىچىدىن كۆچۈپ چىقتى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى بەش يىل ئىلگىرىكى 5000 يۈەنگە يەتمەيدىغان ھالەتتىن كۆپىيىپ 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى... بۇلار دەل يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ قىزىلسۇدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى.

 

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى بىن كورلا شەھىرىنىڭ تېكىچى يېزىسى تۆۋەن چەچى كەنتىدە 11 يىل خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، يېزا-كەنتلەردە يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. «مۇھىت گۈزەللەشتى، ئۆيلەر چىرايلىق بولدى، ھەميان تومپايدى، كۈنلەر شېرىن بولدى، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغىنى رەھمەت سۆزى بولۇپ، چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى».

 

    ۋەكىللەر، ئەزالار شىنجاڭدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قاتناشتى ۋە گۇۋاھ بولدى، بۇنىڭدەك كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ياخشى كۈنلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

 

    تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىمىز

 

    «بۇ بىرقانچە يىلدا پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرغاچقا، ھازىرقى تىنچ، ئىناق تەرەققىيات مۇھىتى بارلىققا كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى» دېدى ئەزا جياڭ پىڭئەن.

 

    «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ يەن.

 

    ۋەكىل جاڭ يەن ئىلگىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ يەسلىسىدە ئىككى يىل مائارىپقا ياردەم بەرگەن. مائارىپقا ياردەم بەرگەن مەزگىلدە، ئۇ بالىلارغا بالىلار ناخشىسى ئۆگىتىپ، ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈندىلىك مائارىپ ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈردى، بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق سەۋىيەسىدە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەش بولدى، يەنە ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى رەسىملىرى ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدىغان بولدى. ئۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزىمىز».

 

    ۋەكىل دىلشات قىدىرقان چوقۇم خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ قارىدى. «كەلگۈسى بەش يىلدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى دەۋردىكى غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش مۇھىم، زور پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا ئورۇننى توغرا تېپىش كېرەك. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن، كەم-كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى چوقۇم كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىدۇ».

 

    يېڭى مۇساپىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز

 

    «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز.» ۋەكىللەر، ئەزالار تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىشەنچى بىلەن بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

 

    تۆۋەن چەچى كەنتىنىڭ «باشلامچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەكىل لى بىن بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئېنىق پىلانلىدى، «كەنتتىكى 3000 مودىن كۆپرەك تارقاق يەرنى مەركەزلىك باشقۇرۇپ، دېھقانلارنى كېۋەز، نەشپۈت، يەم-خەشەك قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى كەنتتىكى تىككۈچىلىك زاۋۇتى، يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى كۆپرەك ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمەن».

 

    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۈ مېي تېببىي خىزمەتچى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ھەر مىللەت ئامما ئەنئەنىۋى جۇڭيى تېبابىتى، دورىگەرلىكىنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش پەن قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كەڭ ئاغرىقلارغا تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق خۇش خەۋىرى يەتكۈزىمىز».

 

    ۋەكىل جاڭ يەن ئۇزاق مۇددەت ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، بولۇپمۇ يېزا-كەنت يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، «يىلتىز تارتىشنى خالايدىغان، يېزا-كەنتلەرنى سۆيىدىغان، يۇرتنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ياخشى ئوقۇتىدىغان» تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرىمەن.

 

    «يېڭى مۇساپىدە، بىز باشتىن-ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن جاپا-مۇشەققەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىمىزگە ئېلىپ، خەتەرنى زىممىمىزگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نىياز ھاشىم قەتئىيلىك بىلەن.

 

مەنبە: 

 

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى