ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى، ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقتى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 03 - ئاينىڭ 10- كۈنى 11:29   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

     

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

 

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە)»غا قاراپ چىقتى.

 

    شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

 

    ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى، ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى، خىزمەت تۈزۈمى ۋە ئىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر.

 

    ۋەكىل خې شىڭلياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى مەقسەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى، مەخسۇس كومىتېتلىرى، خىزمەت كومىتېتلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى ۋە ھەرىكەت مىزانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن تۈزۈمى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بىلەن باشقا ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلار، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى قاتارلىق دۆلەت ئورگانلىرىغا بولغان خىزمەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

 

    ۋەكىل فاتىمە مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى بويىچە تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىشى، ئۆزئارا ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك قىلىشى ۋە تەشكىللىشىگە، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق.

 

    ۋەكىل سۇن چۇنۋاڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئەمەلىيىتىدىكى يېڭى تەجرىبە، يېڭى نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ، قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋاللارغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يولۇققان يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

 

    ۋەكىل چېن لياڭ، لى بىن، مىن شياۋچىڭ، جاڭ يەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەڭ بالدۇر تۈزۈلگەن قانۇنلارنىڭ بىرى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، بىر قىسىم پىشقان، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇپ، سىجىل تۈردە يېڭى ئەمەلىيەت داۋامىدا ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش زۆرۈر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، پۈتۈن جەريان دېموكراتىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتى، ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى بولۇپ، زۆرۈر بولغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

 

    ۋەكىللەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)»نى تامامەن قوللايمىز، قەتئىي ھىمايە قىلىمىز. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، قارار لايىھەسىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالاقىدار سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە دائىر رېئال ئېھتىياج ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى تولۇق ئويلىشىلغان بولۇپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا يېڭى ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى چىقىرىلدى. بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ۋە ئاساسىي قانۇندىكى پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئۇيغۇن، پۇختا سىياسىي ئاساس ۋە قانۇنچىللىق ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، دىلشات قىدىرقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 

مەنبە: 

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى