ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پومپېئونىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 02 - ئاينىڭ 23- كۈنى 03:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

 غۇلجا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇسېلىم جېلىل

 

    يېقىندا، پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ھەرگىز يول قويمايدۇ، شۇنداقلا بىز قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

 

    پومپېئو جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بوھتان چاپلاپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىمىز خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىش، زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى قانۇن بويىچە ئىگىلىدۇق. بىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە قوغدالغانلىقىنى، ئەمگەك ھەققى، تۈرلۈك پاراۋانلىقتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولغانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ تىك سىزىق بويىچە ئۆرلىگەنلىكىنى كۆردۇق.

 

    پومپېئو جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە تۆھمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىمىز ھەر يىلى داۋالاش-سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئىجتىمائىي كاپالەت، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ تولۇق ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى ۋە قوغدالغانلىقىنى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى تاكامۇللاشقانلىقىنى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگىمۇ تولۇق ھۆرمەت قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق.

 

    پومپېئو جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرەلمەيدۇ. پومپېئونىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. پومپېئو، نادان ئويۇنلىرىڭنى توختات، سېنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن سەكرەيدىغان بەتبەشىرە ئوبرازىڭ مۇقەررەر ھالدا تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى