ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

لوپنۇر خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىش سوممىسى 6 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 02 - ئاينىڭ 22- كۈنى 04:55   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

   

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شياۋ شىمىن خەۋەر قىلىدۇ): چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تور چاغانلىق مال يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تور دىكتورلىرىنىڭ بىر ئايدەك تەشۋىق قىلىشى بىلەن، لوپنۇر قويى گۆشى قاتارلىق لوپنۇر خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، تاۋباۋ، كۇەيشوۋ قاتارلىق سۇپىلاردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ سېتىلىش سوممىسى 6 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

 

    كەڭ ئاممىنىڭ بايراملىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، قويۇق بايرام كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ، «پائالىيەت ئاساسىي تېمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تەشۋىقات مەزمۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەت كۆرسەتمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» تەلىپى بويىچە، لوپنۇر ناھىيەسى تور چاغانلىق مال پائالىيىتىنى باشلىدى، لوپنۇردىكى 18 يەرلىك تور دىكتورى «لوپنۇر سوۋغىسى» بىۋاسىتە كۆرسىتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەردە كەڭ تور ئەھلىگە لوپنۇردىن كەلگەن «بايراملىق سوۋغاتلار»نى تونۇشتۇردى، بۇ مەھسۇلاتلار لوپنۇر قويى گۆشى، تونۇر كاۋىپى، لوپنۇر نېنى، لوپنۇر كەندىرى چېيى ۋە تور پاختىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

    پائالىيەت مەزگىلىدە، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى كارخانىلارنىڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، «لوپنۇر سوۋغىسى» تېمىسىدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئىلھام بېرىپ، تونۇلۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ۋاڭخۇڭنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، مەركەزلىك كېڭەيتىش، مۇكاپات تارتىش، ديەنزەن، چوڭ V تارقىتىش، سۇپا ئېقىم مىقدارى بىلەن قوللاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پائالىيەتنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە دىققەت قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، يېڭى سورت لوپنۇر سۈت نېنى، لوپنۇر قويى گۆشى كاۋىپى قاتارلىقلار توردا داڭق چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ تور ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىر ئايغا يېقىن تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش ئارقىلىق، لوپنۇر خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، كۈەيشوۋ، تاۋباۋ قاتارلىق سۇپىلاردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش سوممىسى 6 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

 

    لوپنۇر ناھىيەسى خولىيۈەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شوۋجۈن مۇنداق دېدى: «چاغاننىڭ ئالدىدا نۇرغۇن نان ئىشلەپچىقارغاچقا، ئىسكىلاتتا كۆپ بېسىلىپ قالغانىدى، سېتىلماي قالارمۇ دەپمۇ ئەنسىرەپ قالغانىدۇق، بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە كۆپ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ھەرقايسى چوڭ سۇپىلاردا لوپنۇر نانلىرىنى سېتىپ، غېمىمىزنى تۈگەتتى».

 

    ئىگىلىنىشىچە، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى تور چاغانلىق مال بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى، لوپنۇر ماركىسىنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىپ، لوپنۇرنىڭ داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. كېيىنكى قەدەمدە، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى تېخىمۇ كۆپ تور سۇپىلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، تور سۇپىسى ئەۋزەللىكى، ۋاڭخۇڭنىڭ تەسىر كۈچى ئەۋزەللىكى ۋە لوپنۇر خاس مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەڭ ئىستېمالچىلار بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قىسقا سىن سۇپىسىنىڭ دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يېزا-كەنتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قىسقا سىن ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدىكەن.

 

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى