ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنىڭ چاغانلىق سېتىش سوممىسى%80تىن كۆپرەك ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 02 - ئاينىڭ 20- كۈنى 03:51   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

   

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى ئاۋاتلاشتى، جانلاندى، چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسىدا زور ھەجىمدە ئېشىش ھالىتى كۆرۈلدى، نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن 159 چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارنىڭ تاۋار سېتىش سوممىسى 479 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.44 ئاشتى.

 

    چاغان مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەرقايسى چوڭ نۇقتىلىق سودا ئوبوروت كارخانىلىرى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللىك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توردىكى ئىستېمالنى پائال يېتەكلەپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا تورىدا مال سېتىۋېلىش، توردا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى سودا ئوبوروت كارخانىلىرى مال مەنبەسىنى تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، بايرام مەزگىلىدىكى بازار تەمىناتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، باھانىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 

    كۆزىتىش - ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 31 نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى، ھەرقايسى جايلاردىكى نۇقتىلىق چوڭ تىپتىكى سودا ساراي، تاللا بازارلارنىڭ ھەممىسى نورمال تىجارەت قىلغان، كۈندىلىك تىجارەت ۋاقتى بىردەك ئون سائەتتىن ئاشقان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىدا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى مۇقىم، مىقدارى يېتەرلىك بولۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم ئايلىنىش ھالىتى نامايان بولغان.

 

    بايرامدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ھەرقايسى جايلاردىكى سودا تارماقلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ھۆكۈمەت زاپىسى، سودا ئامبار زاپىسى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان تايانچ كارخانىلارنىڭ سانى، چاغان مەزگىلىدىكى نوپۇس كۆلىمى، مال مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان كۈن سانى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللارنى ئېنىقلاشقا ئورۇنلاشتۇردى. بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوندىكى سودا تارماقلىرى نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈندىلىك مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، بايراملىق بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى