ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئالاتاۋدا چاغاندا چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى زور نىسبەتتە ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 02 - ئاينىڭ 20- كۈنى 03:37   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل چاغاندا، ئالاتاۋ پورتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 106گە يېتىپ، 10 مىڭ 100 ئۆلچەملىك كونتېينېر توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %73.8، %88.9 ئاشقان.

 

    چاغان مەزگىلىدە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور نىسبەتتە ئاشقاندىن سىرت، ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ تۈرلىرىمۇ قويۇق چاغان تۈسىنى ئالغان، ياۋروپادىن كەلتۈرۈلگەن قىزىل ھاراق، گىرىم بۇيۇملىرى، شاكىلات، كالا سۈتى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلار كۆپەيگەن.

 

    «چاغان شىركىتىمىزنىڭ نۆۋەتچى پويىز كەسپىنىڭ جانلىنىش مەزگىلى، تاموژنا ۋە تۆمۈريول خىزمەتچىلىرى 24 سائەت ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەشغۇلات قىلىپ، بىزنىڭ ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، دۆلەت ئىچكى ئىستېمال بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تېز تولۇقلىشىمىزغا ياردەم بەردى» دېدى ئالاتاۋ پورتىدىكى مەلۇم خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك كارخانىسىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ جياڭ.

 

    جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بىخەتەر، راۋان قاتنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ تاموژنا ساقچىلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى ھەم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، تۆمۈريول قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە مەشغۇلات قىلىپ، ئالتە تۈرلۈك قەغەز تالوننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى ئىمپورت بويىچە تاموژنىدا يۆتكەش سىستېمىسى ئارقىلىق ئاپتوماتىك سېلىشتۇرۇپ «سېكۇنت ئىچىدە ماڭدۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتىنى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتتى. «بۆلۈمىمىزدىن سەككىز يولداش بىرىنچى سەپتە ئىككى نۆۋەت ئالمىشىپ ئىشلەپ، چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە يۈك پويىزىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ ماڭدۇردى» دېدى ئالاتاۋ تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 2 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ يۆخېڭ.

 

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى