ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2021 - يىلى 01 - ئاينىڭ 28- كۈنى 04:36   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىردۇ گاڭ): 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق رەقەملىق ئىقتىسادى %10 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ GDPسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %26كە يەتتى.

 

    1-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات ئىسمائىل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىر جەھەتتىن يېڭى ئۇل تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. بۇلتۇر، چاڭچېڭ گۇرۇھى، جۇڭكې شۇگۇاڭ شىركىتى ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنى تېزلىكتە قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ قورغاس يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكنى قاچىلاپ پېچەتلەش سىنىقىدا كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، ماكانلاشقان كارخانا 230غا يەتتى.

 

    يەنە بىر جەھەتتىن، «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى خانىلىق سانلىق ئېشىشنى ساقلاپ كەلدى، نۆۋەتتە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 6272سى قۇرۇلۇپ، 5G ئابۇنىچىسى 2 مىليون 750 مىڭغا يەتتى. بۇنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئالاقە تورىنىڭ قوللىنىلىشى يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت-گاز قېزىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق 20 نەچچە نۇقتىلىق ساھەرلەنى قاپلاپ، رەقەملەشكەن لايىھەلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ياساش، تورلاشقان ماسلىشىش، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر تېزلىكتە كېڭەيدى.

 

مەنبە:

مۇھەررىر : رەشىدە مامۇت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى