ئانار بۇلۇت خەۋىرى:كېلەر ھەپتە، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئاۋۋال تۆۋەنلەپ، ئاندىن ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ، 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃22-قا تۆۋەنلەيدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىمۇ ℃17- ئەتراپىدا بولىدۇ، تېمپېراتۇرا ئۇدا بىر قەدەر تۆۋەن ھالەتنى ساقلايدۇ. چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تېمپېراتۇرا سەل ئۆرلەپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20- ئىچىدە بولىدۇ.
ھاۋا رايى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلەشكە باشلاپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20- ئىچىدە بولىدىكەن.
بۇ ھەپتە پۈتۈن شىنجاڭدا كەڭ كۆلەمدە قار ياغمايدىكەن، 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن تاغلىق رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، سەپەرگە چىققاندا قېلىنراق كىيىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
(مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى)
مۇھەررىر : 热西达·马木提
پەسىل قۇشلىرى تىيانشان باغرىنى ئاۋاتلاشتۇردى
قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزارلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ناراتتىكى پەنلۇڭ قەدىمىي يولىنىڭ كۈز مەنزىرىسى
سۇ يۈزىدىكى ئەڭ گۈزەل «پاراللېل دۇنيا»
«باھار زىننىتى»
خەلقئارا مەنزىرە سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىدىكى نادىر سۈرەتلەر
قولدا توقۇلغان نەپىس سومكىلار
خۇشاللىققا تولغان ھايۋاناتلار دۇنياسى
ياۋايى جانلىقلار فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
گۈل پەسلى
كۆركەم كۈنەس يايلىقى
كۈنەس ناھىيەسى جەنۇبىي تاغلىرىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەستخۇش قىلدى