ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سۆرەتلىك خەۋەر

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18- كۈنى 04:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك

 

 

12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسىدىكى سېلېنلىق كەپتەر باقمىچىلىق بازىسىغا كېلىپ نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو كېرىيە ناھىيەسى سېلېنلىق كەپتەر باقمىچىلىق بازىسى، توغراغاز يېزىسى تەۋەلىك رايونىدىكى زاۋۇت ۋە خوتەن ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەت باغلانما مېخانىزمى ئورنىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

29 ياشلىق بېلىقىز مەتتوختى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى، قوللىشىدا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئارقىلىق ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچتى، دۇكىنى ھازىر تەرەققىي قىلىپ ئۈچكە كېڭىيىپ، ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، يەنە ئۈچ نامرات ئاھالىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. چېن چۈەنگو ئۇنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلىقىنى ھەم باشقا نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بىرەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.

خوتەن شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلمەكتە، چېن چۈەنگو دەرسخانا، ئاشخانا، پائالىيەت ئۆيى، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىگە كېلىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ھەر مىللەت ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى سىجىل ياخشى تارقىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەپ ساقلاپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىر بار بولغان ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتى، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش كۈچىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامرات نوپۇسلارنى مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش تۈزۈم-مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ تىپىنى سىلىق ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ كىرگۈزۈپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشكە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، «13-بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كېرىيە ناھىيەسىدىكى مەزگىلدە، چېن چۈەنگو يەنە قوشماقلاشقان تۇغقىنى توختىخان قۇربان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى. چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سۇپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى سورىدى، ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەنبە:

مۇھەررىر : 热西达·马木提

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى