ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - سۆرەتلىك خەۋەر

قەشقەر ۋىلايىتى: كارخانىلارغا ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17- كۈنى 18:16   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى


11-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىزمەتچىلەر قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر ئېلېكترون دېتاللىرى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا خىزمەت قىلماقتا. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى چۇنشيا): «شىركەت خىزمەت سورۇنى ۋە ياتاقنى بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، بىزگە ماسكا، دېزىنفېكسىيەلەش قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ بەردى. ھازىر بىر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، مائاشنى ۋاقتىدا تارقىتىدۇ، خىزمىتىمدىن ئىنتايىن خاتىرجەم». 11-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىدىكى بىر ئېلېكترون دېتاللىرى زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى خاسىيەت سىدىق مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  كوناشەھەر ناھىيەسىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلىدى، بىر تەرەپتىن، ئىش باشلىغان كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن كارخانىلارغا بولغان مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

  مۇخبىر خاسىيەت خىزمەت قىلىۋاتقان ئېلېكترون دېتاللىرى زاۋۇتىغا كىرىپ، سېخنىڭ كىرىش ئىشىكى ئېغىزىدا مەخسۇس ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىپ، كىرگەن-چىققانلارنى تىزىملاش، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، قولنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغانلىقىنى بايقىدى. سېخنىڭ دەرۋازىسىغا «كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى تۈزۈمى» چاپلانغان بولۇپ، خىزمەت سورۇنىنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش، تازىلىق ئۆيىنى دېزىنفېكسىيەلەش، ئەخلەتلەرنى دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە كونكرېت تەلەپلەر قويۇلغانىدى؛ ئۈستىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان يەرگە سەمىمىي ئەسكەرتىش چاپلانغان، ئۇنىڭغا «ئىشقا ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىن قولنى پاكىز يۇيۇش، تۈركۈمگە، ۋاقىتقا ئايرىپ غىزالىنىش تۈزۈمى، پاراڭلىشىشتا بىر يېرىم مېتىر ئارىلىق ساقلاش...» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان بولۇپ، خادىملار مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە ئەسكەرتىلگەن.

  سېخقا كىرگەندە، ئالدىنقى سۇپىنىڭ يېنىدىكى جوزىغا دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرت، يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز قول يۇيۇش، دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى، ماسكا، بىر قېتىملىق پەلەي قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى قويۇلغانىدى. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە خادىملار باش چۆكۈرۈپ ئەستايىدىل خىزمەت قىلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماسكا تاقاپ، ئورۇن قالدۇرۇپ ئولتۇرغان بولۇپ، 1.5 مېتىر ئارىلىق قالدۇرغانىدى.

«شىركەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيا تەييارلىقى يېتەرلىك، نۆۋەتتە ماسكىدىن 20 مىڭى بار، خادىملارغا قەرەللىك ھالدا تارقىتىپ بەرگەندىن باشقا، ئالدىنقى سۇپىغىمۇ بىر قىسمىنى قويۇپ قويدۇق، خادىملار ھەرۋاقىت ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ» دېدى شىركەت مەسئۇلى خۇ شيەنجۈ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدىكى ئالاقىدار تەلىپى بويىچە، بۇ شىركەت ئۈچ ئايلىق خام ماتېرىيال تەييارلىغان. نۆۋەتتە 200دىن ئارتۇق خادىم ئىش ئورنىدا ئىكەن، شىركەت يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇۋېتىپتۇ.

  بۇ باغچە رايونىدىكى باشقا بىر ئېلېكترونلۇق دېتال زاۋۇتىدا، مۇخبىر نەچچە 10 خادىمنىڭ ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىش خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «زاكازلارنى يىل ئاخىرغىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى، ھازىر ئۈلگۈرتىدىغىنىمىز شېنجېندىن كەلگەن بىر تۈركۈم زاكازلار، بىز تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خادىملارنى نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەپ، زاكازلارنى بالدۇرراق تاماملاپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى بۇ زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ شياۋ.

  جاڭ شياۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، باغچە رايونىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى كارخانىلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، غىزالىنىشنى باشقۇرۇش، ياتاق باشقۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىنتايىن زور ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە كارخانىلارنىڭ خام ماتېرىيال توشۇش ۋە مەھسۇلاتلارنى توشۇشىغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، كارخانا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى بىرتۇتاش قانات يايدۇرۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇ جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا 20 نەچچە كارخانا نورمال ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇپ، ئىش ئورنىدىكى خادىملار 2000دىن ئاشىدىكەن. باشقۇرۇش كومىتېتى دوختۇر-سېسترالار ۋە كەسپىي دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قوشۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلىرىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق كارخانىلارغا مال توشۇش، خادىملارنى ئىشقا ئورنىغا قايتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇم كەلتۈرگەن زىياننى ئىمكانقەدەر ئازايتىشىغا ياردەم قىلىمىز» دېدى دۇ جۈن.

مەنبە

مۇھەررىر : سەرىك دالەلقان ۇلى

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى