ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە ۋاقتىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2020 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 11:51   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شۆھرەت زاكىر يەكەن ناھىيەسىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى

 قانات يايدۇرغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە ۋاقتىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆزى مەسئۇل بولغان ئېغىر نامرات ناھىيە يەكەن ناھىيەسىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى نەق مەيداندا قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەڭ قىلىپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە ۋاقتىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر سەككىز كۈن ئىچىدە كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەنت قۇرغان كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخى، تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق بازىسى، قۇرۇلۇش تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى، نامرات ئائىلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلار ئاممىسى، بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھۆددىگە ئېلىش - ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يوقىتىش جېڭى قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىرلەشمە يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نەق مەيداندا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نازارەتچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئالغا سىلجىتىپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ قالپاقنى قەرەلىدە تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەكەن ناھىيەسىدە نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭىش ئەڭ تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىق ۋە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان نامراتلىق قورغىنىنىڭ بىرى، بىر قېتىم ئاتاكىغا ئۆتۈش بىلەنلا ھەرگىز ئاسانلىقچە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىشەنچنى، ئىرادىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ پۇختا بولۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىق كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان - ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەشتە تەۋرەنمەي، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» قاتارلىق تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيەلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ كەنتلەرگىچە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، كادىرلارنىڭ ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە ئېلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «ھەيدەكچىلىك» بىلەن «جەڭ»نى بىرلەشتۈرۈپ، «ھەيدەكچىلىك» ئارقىلىق «جەڭ»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. مەسىلىنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىلىپ بولغانلىرىغا قارىتا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، مەسىلىنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېخى تۈزىتىشنى تاماملىمىغانلارغا قارىتا تۈزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئوزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»نى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش - تاماملىيالماسلىقتا ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىلىدا. ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلىرى ياردەم بېرىش - يۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. كەڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى كەمتەر بولۇپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار بىللە جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

مەنبە

مۇھەررىر : سەرىك دالەلقان ۇلى

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى