ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئون ئايرودۇرۇم تۈرىنى يېڭىدىن قۇرىدۇ، داۋاملىق قۇرىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2020 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 11:41   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

3 مىليارد 190 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يې تاۋنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئون ئايرودۇرۇم تۈرىنى يېڭىدىن قۇرىدىكەن، داۋاملىق قۇرىدىكەن، 3 مىليارد 190 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، خادىملار، ماتېرىياللار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئايرودۇرۇم تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدىن بەشى بولۇپ، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا ئايرودۇرۇملىرىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، كېرىيە، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بەش تۈرگە جەمئىي 3 مىليارد 740 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2020 - يىلى 1 مىليارد 950 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى. نۆۋەتتە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى تۈزۈلۈپ، ھەرقايسى تۈرلەردىكى قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار كەينى - كەينىدىن قۇرۇلۇش مەيدانلىرىغا كىردى.

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى قۇرۇلۇش قىلىشنى تەشكىللەش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، يىل بېشىدا تۈزگەن پىلاننى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كېرىيە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايون يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان تۈر بولۇپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە يىل ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ غۇلجا، ئاقسۇ ئايرودۇرۇملىرىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىنىمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 7 -، 8 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇ چاغدا، غۇلجا ئايرودۇرۇمى خەلقئارا پورت ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈردىن بەشى بولۇپ، تۇرپان ئايرودۇرۇمى ئۇچۇش رايونىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، تاشقورغان، گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، باركۆل ئايرودۇرۇملىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 4 مىليارد 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، 2020 - يىلى 1 مىليارد 240 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش رايونىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرىدە 6 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلاش پىلانلىنىپ، مۇشۇ يىلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ تاشقورغان تۈرىدە شۇ جاينىڭ كىلىمات شارائىتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىش باشلاش پىلانلاندى؛ باشقا ئۈچ تۈر ھازىر تۈر تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش باسقۇچىدا بولۇپ، 10 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىش باشلاش پىلانلاندى.

مەنبە

مۇھەررىر : سەرىك دالەلقان ۇلى

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى