ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2020 - يىلى 03 - ئاينىڭ 19- كۈنى 11:12   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىر ئۆلكە، بىر شەھەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر، قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، كاللىنى شۇنچە سەگەك تۇتۇش، شۇنچە باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇش، شۇنچە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىش، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، داۋاملىق تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت بىلىپ، بىخۇدلۇق قىلماي، جەڭدىن بىزار بولماي، بوشىشىپ قالماي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خۇبېي ۋە ۋۇخەن بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى ۋە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان جاي. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توستى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋۇخەنگە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتلەرگە بولغان يېتەكچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر زور كۈچ بىلەن ھەمدەم بولۇپ، جەڭگە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، خۇبېيدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى، پۈتۈن ئۆلكىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە خۇبېيغا ياردەم بېرىدىغان داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى تولۇق قوراللىنىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلاندى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالدى، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار بوران - چاپقۇندىن قورقماي، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، كەڭ ئامما ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بەس - بەستە قاتنىشىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ۋەزىيەتنى ئوڭشاش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، نەتىجە تەستە قولغا كەلدى! لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر، تېخى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، تولۇق غەيرەتكە كېلىشكە بولىدۇكى، بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، جەزمەن بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇپ، بەرداشلىق بېرىپ چىڭ ساقلاش كېرەك، ئەجىرنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتە جەزمەن باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ، داۋاملىق چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە، ئاسانلىقچە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

ۋۇخەن غەلىبە قىلسا، خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا، پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ. خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەڭ زور چەكتە ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىن، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، خەلق ئاممىسىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئامما ئالدىنى ئالىدىغان، ئامما تىزگىنلەيدىغان خەلق مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشقىچە؛ داۋالاش كۈچى ئاجىز شەھەر، ئوبلاستلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن، چوڭقۇر، ئىنچىكە بولغان ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشكىچە؛ يەنە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پەرقلىق تاكتىكا قوللىنىپ، رايونغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىشنى، تۈرگە ئايرىش، ۋاقىتقا ئايرىشنى، شارائىتى بارلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قوزغىتىپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار خۇبېينى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، خۇبېينىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە كونكرېت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك نورمال ئىزغا كىرىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

چىڭ تۇرۇشنىڭ ئۆزى غەلىبە، تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا. پەقەت بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، «قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان» چىدامچانلىق، «دۈشمەن قورغىنىنى ئالمىغۇچە يۇرتىغا قايتمايدىغان» جان تىكىپ ئېلىشىش غەيرىتى ئارقىلىق داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىدىغان بولساقلا، چوقۇم خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە

مۇھەررىر : سەرىك دالەلقان ۇلى

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى