ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئۈزلۈكسىز ھالدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 22- كۈنى 12:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشۋىقات - مەدەنىيەت سىستېمىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە لېكسىيە سۆزلىدى

ئۈزلۈكسىز ھالدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات - مەدەنىيەت سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەش دوكلاتى بەردى.

تيەن ۋېن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئىشەنچىنى چىڭىتىش» «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئومۇمىي نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش» «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى سىستېمىلىق ئىزاھلىدى ۋە چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى.

تيەن ۋېن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ روھىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىكى بۇرچ - ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ماركسىزملىق نەزەرىيە ئارقىلىق ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

دوكلات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، تيەن ۋېن يەنە ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا كېلىپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، سۆھبەتلەشتى.

مەنبە

مۇھەررىر : سەرىك دالەلقان ۇلى

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى