ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 22- كۈنى 12:13   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى

2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى

 دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر قورالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قاتارلىق ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار مۇھىم قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىش كېرەك. ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرىنى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشتىكى بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيەت، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى بىر قېتىملىق سىياسىي جەھەتتىن بەدەن تەكشۈرتۈش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان غەيرەت بىلەن ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي قەدەم ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش - كۆزىتىش كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنى باش تېما تەربىيەسى ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېدىتلاشقا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان پەرق، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما» ياكى «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ - كۆزىتىش كېرەك؛ پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى ۋە مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقىغا سېلىشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»، «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»غا سېلىشتۇرۇپ، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپ قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرۇپ، قايسى كونكرېت مەسىلىلەرنى تېپىپ چىققانلىقى، قانچىسىنى تۈزەتكەنلىكى، تۈزىتىشنىڭ قانداق بولغانلىقى، يەنە قايسىلىرىنى جايىدا تۈزەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىش كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى، ئەتراپىدىكى ئامما ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىنى، يەنە قانداق پەرق بارلىقىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش تېما تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاپ مۇلازىمەت قىلىش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ - كۆزىتىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ چىقىلغان كونكرېت مەسىلىلەر ئىچىدىن سۇبيېكت جەھەتتىكى، ئىدىيە جەھەتتىكى مەنبەنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەرتىپ تەلىپىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر قورالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىغىندىن ئىلگىرى، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا ئەسكەرتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، يۈكسىلىش كېرەك. پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، شەخسلەر ئۆزىنى ئۆزى باھالاش، پارتىيە ئەزالىرى بىر - بىرىنى باھالاش، دېموكراتىك باھالاش تەرتىپى بويىچە، پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ باھالاش ئېلىپ بېرىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمىتىنى باھالىشى كېرەك. ياچېيكا كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە قاتنىشىش ئەھۋالى ۋە دېموكراتىك باھالاش نەتىجىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىغا باھالاپ بېكىتىش پىكرى بېرىشى كېرەك. يىغىندىن كېيىن، پارتىيە ياچېيكىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىلغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بېكىتىشى ھەم كېلەر يىللىق خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىي تۇتۇشى، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تۇتۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ ياخشى ئېچىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوملار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا كونكرېت تەلەپ قويۇشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشى ھەم ئاز دېگەندىمۇ بىر تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتكوملار ئۆزىگە قاراشلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا ئادەم ئەۋەتىپ سىرتتىن قاتناشتۇرۇشى ھەم باھالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى، سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە سەييارە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى نازارەتچىلىكنى چىڭىتىپ، يېتەكچىلىكنى پۇختا قىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىشى، پەرقلەرنى تۈزىتىشى كېرەك. شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىدىيەگە تاقىماسلىق، مەسىلىنى ھەل قىلماسلىقتىن ساقلىنىپ، ئاددىي ھالدا باھالاش بېلەت سانى بىلەنلا پارتىيە ئەزالىرىغا باھا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەنبە

مۇھەررىر : سەرىك دالەلقان ۇلى

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى