ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

مەركەز مالىيەسى 26 مىليون يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 22- كۈنى 12:12   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 مىڭ يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك دوختۇر «يىراق مۇساپىلىك زەرەتلىنىدۇ»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك دوختۇرلارنىڭ داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مەركەز مالىيەسى ھەربىر نامرات ناھىيەگە 1 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزغا يېڭىدىن 26 مىليون يۈەن داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ياردەم پۇل مەبلىغىنى كۆپەيتىپ بەرگەن، 2020 - يىلىغا بارغاندا، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 26 نامرات ناھىيە (شەھەر)دە يىراق مۇساپىلىك داۋاملاشما تېببىي مائارىپ مەركىزى قۇرۇش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈر يېزا - بازارلىق شىپاخانىلاردىكى 13 مىڭ 571 تېببىي خادىم، 8550 كەنت دوختۇرىغا نەپ يەتكۈزىدىكەن.

يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك دوختۇرلار داۋالاش - سەھىيە مۇلازىمىتى قوشۇنىنىڭ ئاساسى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسىي قوشۇن. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پەن - مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شۈ پېيلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» رايونىدا قاتناش قولايسىز بولۇش، ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملىرى سىرتقا چىقىپ ئۆگەنسە ئىشلەش بىلەن ئۆگىنىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، «ئالاقە تورى+يىراق مۇساپىلىك داۋاملاشما تېببىي مائارىپ» ۋاسىتىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى نامرات ناھىيەلەردە ناھىيە دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتىنى باشلامچى قىلغان، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلارنى تايانچ قىلغان، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئاساس قىلغان ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك يىراق مۇساپىلىك داۋاملاشما تېببىي مائارىپ تەربىيەلەش تورى قۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك تېببىي خادىملىرىغا قارىتا داۋاملاشما تېببىي مائارىپ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدۇ.

«ئىلگىرى يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە مەركەزلىك يۈزتۇرا دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى، ۋاقىت چەكلىمىگە ئۇچرايتتى، قاراتمىلىقلىقىمۇ كەمچىل ئىدى.» شۈ پېيلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈر قۇرۇلغاندىن كېيىن، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى تېخىمۇ جانلىق بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك داۋاملاشما تېببىي مائارىپ مەركەزلىرى باسقۇچلۇق مەركەزلىك تەربىيەلەشكە تەشكىللىسە بولىدۇ، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك دوختۇرلارمۇ يان تېلېفون قاتارلىق كۆچمە تېرمىناللار ئارقىلىق خالىغان يەردە تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلالايدۇ، خالىغان ۋاقىتتا ئۆز ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تېببىي بىلىملەرنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

شۈ پېيلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق تارماقلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ يەرلىكتە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەر، يۇقۇملۇق كېسەللەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر، ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرگە ئاساسەن ئېتىبار قىلغان ھالدا يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك دوختۇرلارنى ئېھتىياجلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىپ ئىگىلىشى ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەرس سائىتى بويىچە ھەممىسىنى تېببىي داۋاملاشما تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئوقۇش نومۇرىغا كىرگۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملىرى ئۇنۋانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە قولايلىق ئىشىكى ئېچىپ بېرىدۇ.

مەنبە

مۇھەررىر : سەرىك دالەلقان ۇلى

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى