ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 06- كۈنى 17:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىك ئىلمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ساغلام كۈتۈنۈش ئىدىيەسى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بىر ئەڭگۈشتەرى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مول ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى، غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى بىلەن غەرب تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىشلىرى ۋە كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەلنى داۋالاشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىك ئىلمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە دورا بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى، غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بۇ ئەڭگۈشتەرىنى يېڭى نۇر چاچقۇزۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك!

مەملىكەتلىك جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى يىغىنى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى جۇڭيى تېبابىتى شىپاخانىلىرى قاتارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇستاز مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىپ، كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەل ئارىسىدىكى رېتسېپلارنى قېزىپ، داڭلىق مەھسۇلات چىقىدىغان جايلاردا دورا ماتېرىياللىرى بازىسى قۇرۇپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. داۋالاش سۇغۇرتىسى، باھا، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مەملىكەتلىك جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تەقدىرلەندى. شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە

مۇھەررىر : سەرىك دالەلقان ۇلى

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى