ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئەلرايىنى بىلىش

كۇچا ناھىيەسى: بىز بىرلىكتە «بېيىش كېۋىزى» تېرىيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 04 - ئاينىڭ 18- كۈنى 05:00   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    4-ئاينىڭ 6-كۈنى، تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى، بۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كېۋەز تېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىدى، ئەتىگەندە كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ چوڭشەھەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەخمەت مەخمۇتنىڭ ئالتە باشلىق سېيالكىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىسى توختەم مىجىتنىڭ كېۋىزىنى تېرىپ بەردى.

    ئەخمەت مەخمۇت مۇنداق دېدى: چوڭشەھەر كەنتىدە كېۋەز ئېتىزى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئېتىزلارنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس، چوڭ تىپتىكى ئادەمسىز ماشىنا ئارقىلىق تېرىشقا ماس كەلمەيدۇ، تېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، مەن بۇ يىل يېڭى تىپتىكى ئالتە باشلىق كېۋەز سېيالكىسىنى سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدىم، بۇ سېيالكا بىلەن بىر قېتىمدا ئالتە قۇرغا ئۇرۇق سالغىلى بولىدۇ، قۇر ئارىلىقى بىلەن تۈپ ئارىلىقى مۇۋاپىق لايىھەلەنگەن، ئۇ بولسىلا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېۋەز تېرىشىدا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ.

    «كېۋەز تېرىشتىن غەم قىلىپ تۇراتتىم، ئويلىمىغان يەردىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا ياردەم قىلىپ سېيالكا ئۇقۇشۇپ بەردى، مەن ۋە كېلىنىمنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ 90 مو يېرىگە ئىككى كۈندىلا كېۋەز تېرىپ بولدۇق، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئىشنى يېرىم ئاي بالدۇر تۈگەتتۇق، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپ رەھمەت» دېدى توختەم مىجىت خۇشال ھالدا.

    ئىگىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، خىزمەت ئەترىتى داۋاملىق كېۋەزلىكتە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېۋەز تېرىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ۋە ماشىنىلارنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن، 15 سېيالكا ئىشلىتىشنى پىلانلاپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ «بېيىش كېۋىزى» ئۈچۈن، «ئۈمىد ئۇرۇقى» چاچقان. (ماقالىنى ئاقسۇ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ شياۋلى تەمىنلىگەن)

    http://uy.ts.cn/system/2019/04/08/035632198.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى