ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 51- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 04 - ئاينىڭ 18- كۈنى 04:43   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 51- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىش ھەم مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىشلارنى تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە 60 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، تەشكىللەشنى تەتقىق قىلىپ قارار قىلدى.

    ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشى 2019- يىلى 4- ئايدا رەسمىي باشلاندى. خىزمەت تەدبىرلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ئالاقىدار ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنىڭ بېجىرىلىشىگە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئامما بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ يىل 4- ئايدىن 7- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى، قانۇن - نىزاملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىشلىتىش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامرات ناھىيە، يېزا، كەنت، ئاھالىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، تەكلىپ بېرىپ، بىر تۈركۈم پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون يەرلىك نىزام چىقىرىشتا دۇچ كەلگەن كەسىپكە چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇش، كەسپىي ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇشتەك ھازىرقى ھالەتكە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىرلىككە كەلگەن نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى دائىمىي كومىتېتنىڭ بىرلىككە كەلگەن نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەتقىق قىلماقتا. قۇرۇش پىلانلانغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى قانۇن، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە، مالىيە - ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، مىللەت، دىن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە ئەمەلىي ئىشلار خىزمەتچىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى.

    http://uy.ts.cn/system/2019/04/16/035647607.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى