ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 04 - ئاينىڭ 18- كۈنى 04:41   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا كۈسەن دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە كومىتېتى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى، ئالتاي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تەسىس قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋادىنىڭ بىر پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۇ بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ۋادىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە. كۈسەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئېچىش، ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز كۈسەن دەرياسى ۋادىسى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى كۈسەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىش، ئىشلىتىش، تېجەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، قوغداش ۋە سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بەش شەھەر، ناھىيەدە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئاساسەن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى نىشان قىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز قولايلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىكى «تۆتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئىلمىي، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

    مەركەزنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق مۇرەسسە قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە كومىتېتى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە كۈچىنى يېتىشتۈرۈپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسپىي مائارىپ خەلق مائارىپى سىستېمىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا، ماھارەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. ئالتاي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تەسىس قىلىش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ماسلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

    http://uy.ts.cn/system/2019/04/16/035647609.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى