ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 04 - ئاينىڭ 18- كۈنى 04:37   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

    بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى. 4- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ» ئېلان قىلىنىدۇ.

    ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر، سەنئەتكارلار، نەزەرىيەچىلەرنى چاقىرماقتا، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە، ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش چەكسىز بوشلۇققا ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، دەۋر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇش، خەلقنى مەركەز قىلىش، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاش، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

    ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى ئىدىيەنى قوزغىتىش، پەزىلەتنى تاۋلاش، قەلبلەرنى ئىللىتىش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رولغا ئىگە.

    ماقالىدە يېڭى ۋەزىيەتتە مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا تۆت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، دەۋر بىلەن قەدەمداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە بېغىشلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

    ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. مەيلى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدا بولسۇن، ياكى دۇنيا تارىخىدا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان كۈرەش داستانى. كۆپچىلىكنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرەش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىشى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى لوگىكىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ئارقىسىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتى ئەۋزەللىكىنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگو نەزەرىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ جۇڭگو ئەمەلىيىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ئىلھام بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2019/04/16/035647933.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى