ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2019 - يىلى 03 - ئاينىڭ 07- كۈنى 03:53   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى

    ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى جاڭ چىڭلى رىياسەتچىلىك قىلدى سۇ خۈي تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى

    3- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 3- كۈنى تېلېگراممىسى. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ پىلانىنى ئورتاق تۈزۈش. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون كۈندە، 2000 دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كەڭ دائىرىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

    3- ئايدىكى بېيجىڭ ئىللىق باھار مەنزىرىسىگە كىرگەنىدى. خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدىكى ئەگمىدە چىراغلار چاقناپ، يىغىن مەيدانى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىن بەلگىسى رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغانىدى، ئون قىپقىزىل بايراق ئىككى تەرىپىگە قاتار قويۇلغانىدى.

    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۈي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

    پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2157، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2133 بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

    چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، جاڭ چىڭلى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

    يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

    ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

    ۋاڭ ياڭ ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ۋە يەتتە جەھەتتىن ئۆتكەن بىر يىلدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، شۇنداقلا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمىتى باشلانغان يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە چارە - ئەقىل كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويۇلغان تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

    ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2019- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىمۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇرچ، ۋەزىپىنى بېكىتىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسلىھەت بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە چارە - ئەقىل كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش.

    ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى ئومۇمىي پىروگرامما قىلىپ، ئۆگىنىشنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشقان، تېخىمۇ تۇراقلاشقان بولۇشىغا، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئورۇن، يېڭى بۇرچ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەشنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش خىزمىتىدىكى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.

    سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، سۇ خۈي يىغىنغا سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىن بۇيان، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، بولۇپمۇ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، دىققەتنى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، يىغىنغا 5360 پارچە تەكلىپ، 211 پارچە ئادەتتىكى تەكلىپ تاپشۇردى. تەكلىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە بىنائەن، جەمئىي 4567 پارچىسى رويخەتكە ئېلىندى، بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان 165 ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى؛ 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە %99.2 تەكلىپ بېجىرىلدى، جاۋاب قايتۇرۇلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، تەكلىپ نەتىجىلىرى ئۈنۈملۈك تەتبىقلىنىپ، تەدبىر بەلگىلەشكە مۇلازىمەت قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

    رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار بار.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

    3- ئاينىڭ 3- كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ۋاڭ ياڭ سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

http://uy.ts.cn/system/2019/03/03/035586114.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى