ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ باش نىشاننىڭ يىلتىز تارتىشىنى ئالغا سىلجىتىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 09:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى سېرك جانتاي

    مەن ئالتايدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن كومپارتىيە ئەزاسى. كۆپ يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز راۋاجلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە غەمخورلۇقى بولمىسا، پارتىيەنىڭ توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسىتى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىۋاتقان كادىرلار، ئامما بولمىسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشى بولمايتتى. بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇقىملىق بولمىسا، تەرەققىياتتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟

    ھەممىگە مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قۇترىتىپ ۋە ئۇنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالدى. بىز چوقۇم باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي، كەسكىن قوغداپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كىرىزىس ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش تورىنى زىچ توقۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ باش نىشاننىڭ يىلتىز تارتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

    ئومۇملۇق ئېڭىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تۇرغۇزىمەن. نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنى چوقۇم تولۇق تونۇپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، خەۋپ ئېڭى، كىرىزىس ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەر مىللەت خەلق چېگرا رايوندا ئورتاق يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى ئورتاق قۇردى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى.

    باش نىشان ئېڭىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تۇرغۇزىمەن. باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشاننى باش پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلايمەن، ئالغا سىلجىتىمەن. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتتە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بويسۇنۇش، مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.

    ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا بوشاشماي چىڭ تۇرىمەن. بىز چوقۇم مۇقىملىقنى ياخشى تۇتۇش ئاساسىدا تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ ئۆلچىمىنى شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامرات ئاھالىنى ئازايتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا تۈزۈپ، ‹‹توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى››نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت تورىنى زىچ توقۇپ پۇختىلىشىمىز كېرەك.

    پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا بوشاشماي چىڭ تۇرىمەن. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تېخىمۇ جۇشقۇن روھ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ جەڭگىۋارلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىنى ئاڭلىق ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشىمىز كېرەك.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/23/035426297.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى