ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 09:06   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكوم ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تالغات مۇرات

    بۈگۈنكى كۈندە بىز ئوقۇيدىغانلار ئوقۇش، ئۆيسىزلەر ئۆيى بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئېلىش، كېسەللەر داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئاجىزلار يار – يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. ھەر بىر ئادەم شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، دۇنيادا ئەجىرسىز نەپكە ئېرىشىدىغان ئىش بولمايدۇ، بۈگۈنكى بەختىمىز ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدىن كەلگەن.

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كۈندىن – كۈنگە يۈكسەلمەكتە، شىنجاڭ چوڭ ياخشى پۇرسەتكە يۈزلەندى، چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ. بىراق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى خالىمايدۇ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

    بىز ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت، مۇقىملىق بولمىسا، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىمىز بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىمۇ بولمايدۇ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزمۇ بولمايدۇ. بىز قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، بۇ، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر بىرىمىزنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى، شۇنداقلا بىز پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.

    ئالاقە تور ئۇچۇرى سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، دۈشمەن كۈچلەر بىلەن ھەقىقىي ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم، چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ قوغدايمەن.

    مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمدىن پايدىلىنىپ، ئالاقە تورىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئالاقە تورىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تور ئارقىلىق كادىرلار ۋە ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللاردا پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت تەشۋىق – تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى باش نىشان ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرىمەن؛ جۇڭگو ئارزۇسى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىق – تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىمەن؛ پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە قانۇن – نىزام تەشۋىق – تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرىمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش تەشۋىق – تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ توردا تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تورنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى كۈچلۈك قورالغا ۋە ئالدىنقى سەپ بازىغا ئايلاندۇرىمەن.

    مەن بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمىتىمگە سادىق بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قەتئىي ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تور بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساپلىقىنى قەتئىي قوغداپ، توردا ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ، تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا تور بوشلۇقىنى چىڭ باشقۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/23/035426987.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى