ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

بايرىقىم روشەن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 09:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن جياڭ

    ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بىر مەيدان ئىس – تۈتەكسىز جەڭ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۆزىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، يالغان تەلىمات ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھىيلە – نەيرەڭلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئاممىنى چىرىتتى، قۇتراتتى ۋە ئازدۇردى، ھەتتا قارا قولىنى مەكتەپلەرگە سوزۇپ، بارلىق ئامال – چارىلەرنى قوللىنىپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى ئارقىلىق ياش – ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىدى.

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋاپاغا جاپا قىلىپ، پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلدى، خەلققە ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى، دۆلەتتىن مائاش ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ئەكسىيەتچىل، ياۋۇز، جاھىل، ھىيلىگەر دۈشمەنگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھەرگىزمۇ بىر مەزگىللىك شامال بولۇپ قالماسلىقى، ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىش ھەرگىزمۇ شوئار توۋلاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ، مەن جەڭچى نامى بىلەن بايراق كۆتۈرۈپ، زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا ھۇجۇم قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستى، قەبىھ مەقسىتى ئالدىدا، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش مۇھىم ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەر ۋاقىت مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەر ۋاقىت زىممەمگە ئالىمەن، قەلبىمگە پۈكىمەن، ھەر ۋاقىت سىياسىي يۆنىلىشتە تەۋرەنمەي، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىمەن، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ھەم زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىمەن.

    مەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمەن. باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق گەپلەرنى قىلىمەن، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىمەن، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئىنچىكە ھالقا، ھەر بىر كىچىك ئىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، باشقىلارنى كۆپرەك ئويلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇل بولىدىغان، ھەممە كىشى بەرپا قىلىدىغان، ھەممە كىشى قەدىرلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/23/035426989.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى