ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 08:58   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى

    ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

                                    

                                  

           10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

    10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

                   

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار جاۋ چاۋ، چى جۇڭشى). جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

    خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ‹‹جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى›› دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغانىدى، كەينى تەرەپتىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى گېربى يالتىراپ تۇراتتى، ئون قىپقىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2 – قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ ئۈستىگە ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىليونلىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!›› دېگەن چوڭ لوزۇنكا ئېسىلغانىدى.

    مىليونلىغان ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىدىن كەلگەن جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ 2000دىن ئارتۇق ۋەكىلى ۋە 100گە يېقىن ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىل بۇ كاتتا قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

    چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

    قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ قۇرۇلتاينىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

    ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلايلى›› دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى يۈكسەك خوجايىنلىق بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلاندى. جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تۆھپە قوشۇش، نەتىجە يارىتىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ سىياسىيۋىلىكى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

    ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردە ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ــــ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تارىخىي بۇرچى. دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غايە – ئېتىقادىنى چىڭ ساقلاپ، مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ياخشى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ناخشىسىنى ياڭرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى خې جۈنكې، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ئازادلىق ئارمىيەگە، قوراللىق ساقچى قىسىمغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينى تەبرىكلەپ سۆز قىلدى.

    ۋاڭ دۇڭمىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 16 – نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مىليونلىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى›› دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. دوكلات ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش؛ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر.

    قۇرۇلتاي يازما دوكلات شەكلىدە ‹‹جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نىزامنامىسى(تۈزىتىش لايىھەسى)››، ‹‹جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 16 – نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مالىيە خىزمىتى دوكلاتى››، ‹‹جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 16 – نۆۋەتلىك خىراجەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى››نى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

    مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ساھەسىدىكى دوستلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/23/035426300.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى