ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

ۋاقىت ئەڭ ئوبيېكتىپ شاھىتتۇر

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 08:48   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىدا (1)

    ۋاقىت ئەڭ سادىق خاتىرىلىگۈچى، شۇنداقلا ئەڭ ئوبيېكتىپ شاھىتتۇر.

    بۈگۈن، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا بىر يىل بولغان كۈن. ئۆتكەن بىر يىلغا نەزەر تاشلىساق، ئىچكى-تاشقى مۇھىتنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىرادىنى كۈچەيتىپ، جەسۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتنى ئاچتى.

    تەرەققىياتقا قاراپ باقساق، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.8 بولۇپ، ئۇدا 12 پەسىل %6.7تىن %6.9كىچە بولغان ئارىلىق ئىچىدە مۇقىم ئىلگىرىلىدى؛ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %6.6 نەق ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇرىچە GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن داۋاملىق تېز بولدى؛ كۈنىگە يېڭىدىن تىزىملاتقان بازار سۇبيېكتلىرى 18 مىڭ 100 بولۇپ، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا جەمئىي 7 مىليون 520 مىڭ ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %78.5 بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 14.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى... تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشلىرىنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئومۇمىي مىقدارى 80 تىرىليون يۈەندىن ئېشىش ئاساسىدا، يەنىلا كۈچلۈك ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىندى.

    ئىسلاھاتقا نەزەر سالساق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىكى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تاغقا يولۇقساق يول ئېچىپ، سۇغا يولۇقساق كۆۋرۈك سېلىپ، ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك»، دېگەن سۆزلىرى جاراڭلىدى. بىر يىلدىن بۇيان، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەنىڭ تەقسىملىنىشى ياخشىلىنىپ، بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك بولغان ئىسلاھاتلاردا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلاندى؛ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەت-تەدبىرلىرى كۆپلەپ چىقىرىلىپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە مەنبەسى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە كىرىش شەرتى تۆۋەنلىتىلدى، ئاممىغا ۋە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلدىغان بەزى ئىسلاھاتلارنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلدى... ئىسلاھات يېڭى پەللىسىدە يېڭى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھاسىل قىلىندى.

    http://uyghur.people.com.cn/158504/15737707.html

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى