ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئەتىگەندە ئويغىنىپلا يانفونىڭىزغا قارامسىز؟

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 05:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  تىيانشان تورى

ئامېرىكا ۋىرگىنىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى پامپلىن سودا شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئەتىگەندە ئويغىنىپلا يانفونغا قارىغان كىشىنىڭ سالامەتلىكى، كىشىلىك مۇناسىۋىتى ۋە جورىسىنىڭ سالامەتلىكى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئالىي مەكتەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەتىگەندە ئويغىنىپلا ياكى خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن يانفونىغا كۆپ قارايدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەشۋىشلىك كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئەمما بۇنىڭ زىيىنىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا ھېس قىلالايدىكەن، بۇنىڭ يەنە جورىسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كىشىلەر تېخىمۇ بىلمەيدىكەن.

مەزكۇر داشۆنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى دوتسېنتى ۋىللىئام بېك مۇنداق دېدى: ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئالاقىگە بولغان «ئىنتىلىش» ىنى تۆۋەنلىتىشتۇر. شۇنداق بولغاندا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەشۋىشلىكى يېنىكلەيدۇ، شۇنداقلا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلالماي توختىماي پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈرىدىغانلار خىيال سۈرۈشنى مەشىق قىلسا بولىدۇ، شۇنىڭدا تەشۋىشلىك كەيپىياتى يېنىكلەپ، كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئېشىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى يۇقىرىلايدۇ.

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

http://uy.ts.cn/system/2018/10/19/035422473.shtml

 

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى