ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئورۇقلاشقا پايدىلىق ئىچىملىكلەر

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 05:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  تىيانشان تورى

فىرانسىيە «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ماي سېرىيدىغان ئەڭ ياخشى ئىچىملىكلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئىچىملىكلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ئىچىملىكلەر بولسا پۈتۈن بەدەننى چارچىتىدىغان جىسمانىي ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، تىزىملىكتە كۆك چاي بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك چولپان گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان كۆكچاي تەركىبىدە فىلانوۋوئىد ۋە كوففېئىن ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇلار مېتابولىزمنى تېزلەشتۈرۈپ، ماينى سېرىيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئورۇقلىماقچى بولغانلارغا كۈندە ئىككى ئىستاكاندىن ئۈچ ئىستاكانغىچە كۆكچاي ئىچىش تەكلىپىنى بەردى.

تىزىملىكتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغىنى پەمىدۇر شەربىتى. كۈندە بىر ئىستاكان شوخلا شەربىتى ئىچكەندە بەلدىكى ماي شوخلا شەربىتى ئىچمىگەنلەرگە قارىغاندا %50 خورايدۇ.

تىزىملىكتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغىنى ئالما سىركىسى. ئالما سىركىسى مېتابولىزمنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ ھەمدە ساقلىنىپ قالغان ماينى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ. شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغانلار كۈنىگە ئىككى، ئۈچ قوشۇق ئالما سىركىسى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما ئىچىشتىن بۇرۇن سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇش كېرەك.

تىزىملىكتە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغىنى زەنجىۋىل سۈيى. زەنجىۋىل سۈيى تويۇش سېزىمىنى ئاشۇرىدۇ. ئاۋۋال زەنجىۋىلنى بىر يېرىم قوشۇق ئەتراپىدا ئىزىپ تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، قايناقسۇدا 10 مىنۇت تۇرغۇزۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

تىزىملىكتە بەشىنچى ئورۇندا تۇرغىنى ئىچىدىغان سۇ. كۈندە سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرگەندە قورساق كۆپۈش ھەمدە ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

http://uy.ts.cn/system/2018/10/19/035422845.shtml

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى